Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كولوكوترونىس
دۇنيا تارىخى
科罗科特洛尼斯
kē luó kē tè luò ní sī
(1770 - 1843) گېرتسىيە مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ سەردارى. پلوپوننېستا تۇغۇلغان. ياش چېغىدا تۈركلەرگە قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. روسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىئونىيە ئارىلىدا قۇرغان گرېتسىيە قىسمىدا ئوفىتسېر بولغان. 1818 - يىلى ھېتايرىيىگە قاتناشقان. 1821 - يىلى 5 - ئايدا، ۋولتېزدا گرېتسىيە قوراللىق قىسىملىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە قوشۇنلىرى ئۈسىتىدن غەلىبە قىلغان. 1822 - يىلى مۇھەممەد پاشا دىراماش قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنلىرىنىڭ پېلوپوننېسقا قىلغان تاجاۋۇزىنى تارمار قىلىپ، غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، پېلوپوننېس رايونىدىكى گرېتسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن دېموكراتلارغا مەنسۇپ بولسىمۇ، 1823 - 1825 - يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا پوزىتسىيىسى مۇجمەل بولغان ھەمدە مۇتەئەسسىپ پومېشچىكلار گۇرۇھى بىلەن ئالاقە قىلغان. 1825 - يىلى 1 - ئايدا نەزەربەند قىلىنغان. 5 - ئايدا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ قۇتۇلدۇرۇشى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. شۇ يىلى، مىسىردىكى ئىبراھىم پاشا پېلوپوننېسقا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، يېڭىۋاشتىن باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، پارتىزانلىق ئۇرۇش تاكىتىكىسىنى قوللىنىپ، ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مىسىر قوشۇنىغا زەربە بەرگەن. كېيىن، ھەرقايسى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە، كاپودىستىرىيىنى قوللىغان. 1831 - يىلى كاپودىستىرىيىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، رۇسپەرەسلەرنىڭ باشلىقى بولغان. 1834 - يلى 5 - ئايدا، نائىب شاھ باۋارىس تەرىپىدىن ھۆكۈمەتكە قارشى سۈيقەستىلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى، دېگەن بەتنام بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلمىگەن. 1835 - يىلى پادىشاھ ئوتتو تەرىپىدىن كەچۈرۈم قىلىنىپ، دۆلەت ئىشلىرى كېڭەش ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.