Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە»بۇ، ئادەم ھاياتلىقىدا تولىراق ئەمەلىيەت بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق تۇرمۇش بىلىمىنى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان، ئاتىمىز نېمە ئۈچۈن بىزنى تاغنىڭ ئارقىسىغا ئۆتمەڭلار دەيدۇ؟ مۇشۇنىڭىدا بىر گەپ بار، «كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر، چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە» دەپتىكەن، تەۋەككۈل قىلىپ بىر ئۆتۈپ باقمايمۇ، دېگەن ئارزۇنى قىلىپ يۈرگەنىكەن.