Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆز سالماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قارىماق، تىكىلمەك.
ئېتىبار بەرمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆز نۇرىنى ئادەم ياكى نەرسىگە ئۇچراشتۇرماق.
«كۆز سالماق»، «نەزەر سالماق» يېزىق تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
«كۆز تىكمەك» دىققەت قىلىپ، ئۇزاق قارىماق.
كۆزۈڭگە قاراپ ماڭ. پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما، ئىشىڭنىڭ پۇتكىنىگە قارا. ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە. «زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق. بېلى ئاغرىمىغاننىڭ نان يېيىشىگە باق. ئالغا ئاتلا، ئاۋايلا، كەينىڭگىمۇ باق، قارا. كەلگۈسىگە كۆز سال. ئۆتمۈشكە نەزەر سالسام، جىق - جىق ئىشلاردىن پۇشايمان قىلىمەن. ئۇ كېتىۋېتىپ، قىزغا كۆز تىكتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دىققەت قىلماق، نەزەر سالماق.
مەن دەرۋازىنى ئېچىپ كىرىپ ھويلىغا بىر قۇر كۆز سالدىم.