Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆڭۈل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قەلب، دىل، كۆڭۈل.
خاتىرە، پىكىر، خىيال، ئىختىيار.
كۆڭۈلدىكى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىر قىلىدىغان ئورگاندىن چىققان ئوي - پىكىر، ھېس - تۇيغۇ.
يۈرەكتىن چىققان سۆز يۈرەككە يول تاپار. بىر يۈرەككە ئىككى يار سىغماس. كۆز نۇرنىڭ ئۈلكىسى، كۆڭۈل سىرنىڭ ئۇۋىسى. كۆڭلى ساپنىڭ ئىشى تۈز. گۈزەل چىرايدىن گۈزەل كۆڭۈل ئەلا. كۆڭۈل تارتمىغان ئاشنى يېمە. كۆڭۈل كۆتۈرمىگەن ئىشنى قىلما. دىل ئازاردىن خۇدا بىزار. تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىر بولسۇن. قەلبى گۈزەل - مەڭگۈ گۈزەل. چىراي گۈزەللىكىدىن قەلب گۈزەللىكى ئەلا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆڭۈل، قەلب، زېرەكلىك، ھۇشيارلىق.
زېرەك ئادەمنى « كۆڭۈللۈگ ئەر» دېيىش شۇنىڭدىن ئېلىنغان. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كۆزدەن يىراسا كۆڭۈلدەن يەمە يىرار _ كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق، يەنى دوستلار كۆزدىن يىراقلاشسا، كۆڭۈلدىنمۇ يىراقلىشىدۇ. كۆڭلۈڭ نەتەگ _ كۆڭلۈڭ قانداق.
3 - 500
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەپەككۇر، ئارزۇ، پىكىر
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئابدۇراخمان قاھار يازغان رومان بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1995 - يىل 3 - ئايدا نەشر قىلىنغان. روماننىڭ ۋەقەلىكى تۇرمۇش رېئاللىقىدىن ئېلىنغان بولۇپ، روماندا قەدىرىيە، سەبىھە، زامانىدىن، نۇرزات قاتارلىق ياشلارنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنغان. قەدىرىيە بىلەن سەبىھە ئاق كۆڭۈل، خوش چاقچاق دېھقان يىگىتلىرى - زامانىدىن، نۇرزاتلار بىلەن مۇھەببەت باغلايدۇ ھەم مەڭگۈ بىرگە ئۆتۈشكە ئەھدە قىلىشىدۇ، لېكىن قەدىرىيەنىڭ ئاپىسى لەھەلبۈۋى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈلسىز كۈنلىرىنى ۋاستىلىك ھالدا زامانىدىندىن كۆرۈپ، قىزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. سەبىھەنىڭ ئاپىسىمۇ قىزىنىڭ نۇرزات بىلەن توي قىلىشىغا قوشۇلمايدۇ. مانا مۇشۇ سەۋەبلىك بۇ تۈركۈم ياشلار نۇرغۇن مۇھەببەت - تۇرمۇش كۆڭۈلسىزلىكلىرىنى تارتىدۇ، سەبىھە خورلۇققا چىدىماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. رماندا مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم تراگېدىيلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن، شۇنداقلا تۇرمۇش قارىشىمىز، ئەخلاق چۈشەنچىمىزدىكى ناچار ئىللەتلەر پاش قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئىنساننىڭ مەنىۋى بارلىقىنىڭ ئىپادىسى، ئىشەنچى ۋە ھېسلىرىنىڭ مەنبەسى يەنى ئارزۇ، ھەۋەس، نىيەت، تۇيغۇ، ھېس، ئىشىق قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
كۆڭلى نازۇك ۋە ئاقكۆڭۈل قىز.