Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆتۈرۈلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<كۆتۈرمەك> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
شۇ چاغدا يېنىك بىر شامال پەيدا بولۇپتۇ - دە، ۋەزىرنىڭ ئوغلى يېڭى ساراي بىلەن قوشۇلۇپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپتۇ.
<كۆتۈرمەك> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
كادىر ئورنىدىن سەل كۆتۈرۈلۈپ ئالدىغا ئېڭىشتى.
كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلدى.
كۆچمە. ھال - ئوقىتى، تۇرمۇشى ياخشىلانماق.
دېھقانلار بۇرۇنقىدىن جىق كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.
كۆچمە. قارشى كۈرەش قىلماق، قوزغىلاڭ قىلماق، قوزغالماق.
ئۇلار <ۋاڭ غوجام بىزنى ئەزدى، چىدىغۇدەك ھالىمىز قالمىدى، بىز ئەمدى كۆتۈرۈلىمىز، تەييار بولۇپ كەتتۇق> دەپتۇدەك.