Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆرۈنۈش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تىياتىر ئەدەبىياتى ژانىرىدا كومپوزىتسىيە قۇرۇلمىسىدىكى بىر بۆلەك، بىر ئابزاس. تىياتىر ئەسەرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلەرگە بۆلۈنۈش پرىنسىپلىرى ئاساسەن «پەردە» بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بەزى دراما ئەسەرلىرى مۇنچە پەردىلىك دەپ يېزىلسا، بەزىلىرى مۇنچە كۆرۈنۈشلۈك دەپ يېزىلىدۇ. بەزى ئەسەرلەردە پەردە ۋە پەردە ئىچىدە بىر نەچچە كۆرۈنۈشلەر بولىدۇ. بۇنى، پەردە كومپوزىتسىيىدىكى چوڭ بۆلەك، كۆرۈنۈش كىچىك بۆلەك دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. يەنى چوڭ بۆلەكتىكى ئاساسىي (غول) سۇژېتنى راۋاج راۋانلىقنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تارماقلارغا بۆلۈش، كۆرۈنۈشلەرگە پارچىلاپ كۆرسىتىش «كۆرۈنۈش» بولىدۇ.
كۆرۈنۈش پەردە ئىچىدىن ۋاقىت، ئورۇن - جاي ۋە ۋەقەلىك يۆتكىلىش (ئالمشىش) تۈپەيلىدىن ئايرىپ يېزىلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىياتىرنىڭ ئايرىم ۋەقەلىكى كۆرسىتىلىدىغان قىسمى.
قەشقەر سەنئەت ئۆمىكى تىياتىر كۆرىكىدە بىر پەردە، تۆت كۆرۈنۈشلۈك «ئەزىزە» درامىسىنى ئوينىدى.
كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى
كىنو بىر خىل كۆرۈنۈش تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس سۆز، جۈملە، سۆزلەش شەكىل ئۆزگىرىشلىرى ھەمدە گرامماتىكىغا ئىگە. كىنونى بىر پۈتۈن ماقالە دېسەك، كۆرۈنۈش كىنونىڭ جۈملىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىنونىڭ ئەڭ ئاساسىي بىرلىكى. بىر كۆرۈنۈش دېگىنىمىز، كىنو ئاپپاراتى بىر قېتىمدا ئۈزۈلدۈرمەي سۈرەتكە ئالغان كىنو پارچىسىغا قارىتىلىدۇ. بۇ پارچىدىكى پېرسوناژ ياكى مەنزىرە كىشىگە ماكان ۋە زامان جەھەتتە ھەرگىز ئۈزۈلگەن تەسىرنى بەرمەيدۇ.
كۆرۈنۈش ئۇزۇن، قىسقا بولىدۇ، بەزىلىرى بىرقانچە مىنۇت بولسا، بەزىلىرى كۆزنى ئېچىپ - يۇمغىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. فرانسىيە فىلىمى «خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىش» نىڭ ئاخىرلىشىش قىسمىدا داڭلىق بىر ئۇزۇن كۆرۈنۈش بار: بالىلار قاماقخانىنىڭ مەيدانىدا پۇتبول ئويناۋاتقاندا، ئانتونى (باش قەھرىمان) تۇيۇقسىز توپ مەيدانىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ - دە، تۆمۈر رېشاتكىنىڭ ئاستىدىكى تۆشۈكتىن ئۆمىلەپ ئۆتۈپ قېچىپ كېتىدۇ. قاماقخانىنىڭ سىگنالى چىرقىرايدۇ، بىر ساقچى قوغلاپ كېلىدۇ. ئانتونى توختىماي يۈگۈرىدۇ، يۈگۈرىدۇ … يېزا ئۆيلىرىنىڭ يېنىدىن، دالىدىن، چاتقاللىقنىڭ چېتىدىكى قۇرۇق ئۆيدىن ئۆتۈپ، پۈتۈنلەي يەككە - يېگانە ھالدا يۈگۈرۈپ قاچىدۇ … مانا بۇ ئۇزۇن كۆرۈنۈش ئاشۇ جەمئىيەتتە ھەممە يەردە مېھىر - مۇھەببەت يوق ئىدى، مۇنداق مۇھىتنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىگە بالىلارنىڭ زادىلا چىدىغۇچىلىكى قالمىغانىدى، لېكىن ئۇلار ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمايتتى، دېگەن باش تېمىنى ئۈنۈملۈك شەرھلەپ بەرگەن. كىنودا بىر گۇرۇپپا قىسقا كۆرۈنۈشنى گىرەلەشتۈرۈپ كۆرسىتىش ئارقىلىق جىددىي، قىزغىن كەيپىياتنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بەزىدە مەزمۇننى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر قېتىمدا سۈرەتكە ئېلىنغان پارچە بىرنەچچە بۆلەككە ئايرىلىپ، باشقا كۆرۈنۈشكە ئۇلاپ گۇرۇپپىلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇ چاغدا بۇ، بىر كۆرۈنۈش ئەمەس، بەلكى بىرقانچە كۆرۈنۈش بولىدۇ.
كۆرۈنۈشنىڭ مەنە ئىپادىلەش ۋە ئوبراز يارىتىش ئىقتىدارى ئۇنىڭ خىللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىنو كۆرۈنۈش پەرقى جەھەتتىن تۆۋەندىكى خىللارغا ئايرىلىدۇ: كەڭ دائىرىلىك، يىراق مەنزىرىلەر كۆرۈنىدىغان يىراق كۆرۈنۈش؛ ئاساسىي پېرسوناژنى مەلۇم دائىرە ئىچىگە قويۇپ، مۇھىت ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدىغان پۈتۈن كۆرۈنۈش؛ پېرسوناژنىڭ تىزىدىن يۇقىرى قىسمىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۇنى مۇھىتتىن ئايرىۋېلىپ، بەدەن ھەرىكىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئوتتۇرا كۆرۈنۈش؛ ئادەم بەدىنىنىڭ يۇقىرى قىسمىنى ئاساس قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى پېرسوناژنىڭ چىراي - ئىپادىسىگە مەركەزلەشتۈرىدىغان يېقىن كۆرۈنۈش؛ ئىنچىكە جايلارنى مەركەزلىك ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە كۆرۈنۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كۆرۈنۈش سۈرەتكە ئېلىشتىكى ھەرىكەت شەكلى بويىچە ئىتتىرىش، تارتىش، ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. سۈرەتكە ئېلىشتا ئاپپاراتنى ئاستا - ئاستا ئالدىغا ماڭدۇرسا ئىتتىرىش دېيىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاپپاراتنى كەينىگە ماڭدۇرۇپ سۈرەتكە ئالسا تارتىش دېيىلىدۇ؛ ئاپپاراتنى ئۆز ئورنىدىن يۆتكىمەي، يۇقىرى، تۆۋەن، ئوڭ، سولغا قارىتىپ سۈرەتكە ئالسا ئايلاندۇرۇش دېيىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەگىشىش، سۈرۈلۈش، نۇقتىنى ئۆزگەرتىپ ئېلىش، سۇبيېكتىپ ئېلىش، ئوبيېكتىپ ئېلىش قاتارلىق سۈرەتكە ئېلىش شەكىللىرىمۇ بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تاشقى قىياپەت، قىياپەت.
ھېلىقى ئەسكەرنىڭ كۆرۈنۈشىدىن ئۇنىڭ مېلشىنغا ئېچىنغىنى ۋە يىرگىنىشى بىلىنىپ تۇراتتى.
كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئەھۋال، مەنزىرە.
تەبىئەتنىڭ رەسىم يۈزىدىكى بۇ كۆرۈنۈشى كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلاتتى.
مەنزىرە چۈشۈرۈلگەن رەسىم.
ئۆيگە كۆرۈنۈش ئاستۇق.
بەلگىلىك سورۇندا يۈز بەرگەن، سادىر بولغان ئەھۋال، ۋەقە.
بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ قىز ھەيران قالدى.
<ئەد> بايان خاراكتېلىك ئەسەرلەردە پېرسوناژلارنىڭ بەلگىلىك سورۇندا ئۆزئارا مۇناسىۋەت قىلىش ئارقىلىق شەكىللىنىدىغان بىر بۆلەك تۇرمۇش كارتىنىسى.
بۇ پارچىلاردا تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى شۇنچىلىك چىن ۋە روشەن ئىدى.
<تىيا> سەھنە ئەسەرلىرىدە پەردىنىڭ مەخسۇس دېكوراتسىيە تەلەپ قىلىدىغان بىر قىسمى.
<ھاملىد> ئەنگىيىلىك داڭلىق دراماتروگ شېكىسپىرنىڭ بىر پەردە بەش كۆرۈنۈشلۈك تراگېدىيىسىدۇر.
<كىنو> كىنو ئىشلەش جەريانىدا، كىنوغا ئېلىش ئاپپاراتى ھەرىكەت قىلىشقا باشلاپ، توختىغاندا قەدەر لېنتىغا ئېلىنغان بىر بۆلەك ئەھۋال.
بۇ ئوغۇل كىنونىڭ باش قەھرىمانى تاشۋاي بولۇپ، شۇ كۆرۈنۈش ئۈستىگە كىنونىڭ ئىسمى بېرىلىدۇ.