Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆرۈم
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قىياپەت، تۇرق، تۈس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب ئېچىش، تاش - قۇمىلاق سېلىش يولى بىلەن كىشىنىڭ ھال - ئەھۋالى ، كەلگۈسىنى بىلىدىغان ساختا بېشارەت.
پالغا ئىشەنمە، پالسىز يۈرمە. ئالدامچىنىڭ رېمىدىن، ئۆزۈڭنىڭ خىيالى دۇرۇس. تۆلگە ئاچتۇردۇم، تۈگمەنگە بارىسەن، _ دېدى. قۇرئىدىن چىققار گەپكە ئىشەنمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىراي ئاسان ئۆزگىرەر، شەپقەت مەڭگۈ ساقلىغار. چىراي كۆيدۈرەر، خۇلق سۆيدۈرەر. چىراي كۆرۈپ ھال سورا. چىرايىغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولماس. ئادەم كۆركى يۈز، يۈز كۆركى كۆز. بېتى ئەدەب كۆرمىگەن، كۆتى تەرەت. دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت. شاھزادە مەلىكىنىڭ رۇخسارىنى بىر كۆرۈپلا ئاشىقىي بىقارار بوپتۇ. تەرى ياماننىڭ مېھرى يامان. دېڭىزنى كوزىدا ئۆلچىگىلى بولماس، ئادەمنى ئەپتىدىن بىلىپ بولماس. بەشرىسى سەتنىڭ قىلىقى يامان بولۇشى ناتايىن. ئوسماننىڭ قىزىنىڭ ئۆڭى بار. ئەينەككە قارىغانغا ھۆسىن قېتىلماس. مەرتىۋە ئادەمگە ھۆسىن قوشمايدۇ، ئادەم مەرتىۋىگە ھۆسىن قوشىدۇ. ئۆمۈر ئۆتەر، ھۆسىن ئۆچەر. چېھرە ئۆزگىرەر، شەپقەت سزاقلىنار. سۆز كۆركى ماقال، ئەر كۆركى ساقال. سەمىمىي سىرتقى قىياپەت نۇرغۇن كەمچىلىكنى يېپىپ تۇرىدۇ. ئالەمدە ھەر كۈندە بار زاۋال، ئەبەدىي قالمايدۇ بۇ ھۆسىن _ جامال.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئۈستىدىكى چۈشەنچە.
مىللەت قارىشى. بىر تەرەپلىمە قاراش نادانلىققا قارىغاندا ھەقىقەتكە تېخىمۇ يىراق. سىنىپىي نۇقتىئىنەزەر. توغرا مەيدان بولمىسا، توغرا نۇقتىئىنەزەر بولمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە نەرسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى.
<جوسۇن> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھۈنەرنى بىر كىشىدىن ئۆگەن، ئىسكەتنى مىڭ كىشىدىن. تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ سىنى كەتمەس. بېخىل خۇش بولسىمۇ، سىياقى ئۆزگەرمەس. قىياپىتى ئادەم، قىلىقى ھايۋان. جوسۇنى زەپ كېلىشكەن سىكىلەك ئىكەنا. فىگۇرا چىقىرىپ ئويناش ئۇستىسى ھەممىنى ھەيران قىلدى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياشاش مەزگىلى ۋە ياشاش ئىشى.
ئۆلۈم، ئەجەل، قازا
ئۆلۈش پەيتى، ئۆلۈش ھادىسىسى، ۋەقەسى.
ئۆلۈمنىڭ كۆزى يوق. ئەلچىگە ئۆلۈم يوق. دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. پۇل ئەجەلگە دالدا بولالماس. قازاغا رىزادىن ئۆزگە چارە يوق. ئۆمۈر شامال ئالدىدىكى چىراغ. ھاياتىڭ قانداق بولسا، ئۆلۈمىڭ شۇنداق بولار. يامانغا ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم. قازا ئىككى، ئۆلۈم بىر. توشقاننىڭ ئۆلۈمىگە تۈلكە ھازا تۇتۇپتۇ. دۇنيا بويىچە ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 65 ياش، ئادەملەرنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن مەملىكەت ياپونىيە، 77 ياش. ئەڭ قىسقا مەملىكەت ئافغانىستان، 42 ياش.
ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل،
قانلىق مەيدانغا چۈشتى مەھكەم باغلاپ بەل.
بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل،
بۇ كۈرەش مەقسىتىمىزنى قىلغۇسىدۇر ھەل.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پال، پالچىلىق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كۆرۈنۈش، چۈش
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نۇقتىئىنەزەر، قاراش
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھاياتلىق، تۇرمۇش، كۈن.
يامانغا ئۆلۈم يوق، ياخشىغا كۆرۈم (ماقال).
ئازاب، تۇرمۇش، قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەت.
ئەلچىگە ئۆلۈم يوق، جارچىغا كۆرۈم (ماقال).
چىراي، تۇرۇق، كۆرۈنۈش.
رەيھان يەنىلا گۈزەل، نازاكەتلىك، خۇش كۆرۈم، سۆيۈملۈك ئىدى.