Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆرسەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<كۆرمەك> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
قەلەم كۆرسەتمەك. كىتاب كۆرسەتمەك.
ئىنەككە سۈت كۆرسەتمە، ئەخمەققە قىز (ماقال).
بىلدۈرمەك، چۈشەندۈرمەك، دەلىللىمەك، ئىسپاتلىماق؛ نامايان قىلماق.
بىڭسىنى كۆرسەتمەك.
تاماشا قىلدۇرماق، سەيلە قىلدۇرماق، ئايلاندۇرماق.
باغ كۆرسەتمەك. بازار كۆرسەتمەك. كوچا كۆرسەتمەك.
...دەپ بىلدۈرمەك، ... دەپ چۈشەندۈرمەك.
گۈزەلئاي مەن تەرەپكە بۇرۇلدى - دە، ئارتىسلارغا خاس سەزگۈرلۈك بىلەن ئۆزىنى بىپەرۋا، خۇشال كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كۈلۈمسىرىدى، غىڭشىپ ناخشا ئېتتى.
بىرەر ئىش ياكى ۋەزىپىنى بېجىرىش ئۈچۈن بىراۋنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئېيتماق، شۇنداق بولۇش تەكلىپىنى بەرمەك.
باشلىقلىققا كۆرسەتمەك. نامزاتلىققا كۆرسەتمەك.
يوليورۇق، مەسلىھەت بەرمەك؛ ئېيتماق، دېمەك.
- مېنىڭ كۆرسەتكىنىم بويىچە ئىش قىلساڭ ۋەسلىڭگە يېتەلەيسەن، - دەپتۇ بوۋاي.