Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆرپە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئادەم ئاستىغا سېلىپ ئولتۇرىدىغان، ياتىدىغان تۆشەك، يېكەنداز.
مېھمانغا كۆرپە سالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئەلتېرە.
كۆرپە تۇماق. * كۆرپە جۇۋا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قوزا - توقلىنىڭ تېرىسى.
مەرىيە توماق كىيگەن كىشىنى كۆردۈم. كۇچا كۆرپىسى داڭلىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ياتقاندا ئۈستىگە يېپىنىدىغان، ئولتۇرغاندا ئاستىغا سالىدىغان نەرسە. ئادەتتە تاش بىلەن ئەستەر ئىچىگە پاختا، يۇڭ، پەر سېلىپ تىكىلىدۇ.
<تۆشەك> ئومۇمىي نام.
<يېپىنچا>، <يوتقان> ئومۇمەن ئۈستىگە يېپىنىدىغىنى.
<سېلىنچا>، <كۆرپە> ياتقاندا ئاستىغا سې
يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن. قارا - قارا يەرنىڭ كۆرپىسى. كۆرپەڭنى قانداق سالساڭ، چۈشۈڭنى شۇنداق كۆرەرسەن. يەنى سېلىنچا، كۆكنى يېپىنچا قىلىپ كەلدىم. مېھمانغا يېكەنداز سال، كۆڭلىنى ئال.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياتقاندا ئاستىغا سېلىپ ياتىدىغان.
يېپىنچا، يوتقان
ياتقاندا ئۈستىگە يېپىنىپ ياتىدىغان.
ئاسماننى يېپىنچا، يەرنى سېلىنچا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. يالىڭاچلار يۇرتىدا يېپىنچا ياپقانلارنى ساراڭ دەيدىكەن. دوڭدىكى دوڭدادى، يوتقىنى كالتا ئىكەن پۇتۇمنى توڭدادى. كۆرپەڭ يالاڭ بولسىمۇ، كۆڭلۈك توق بولسۇن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆرپە ئوت _ كۆرپە ئوت، قايتا ئۆسكەن ئوت. كۆرپە يېمىش _ ئىككىنچى پىششىقتىكى يېمىش. يازدا تۇغۇلغان ئوغۇلمۇ « كۆرپە ئوغۇل» دېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك ۋاقتىدىن كېيىن تۇغۇلغان قوزا، ئوغلاق ۋە موزايغىمۇ « كۆرپە» سۆزى قوشۇپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 542
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇخلىغاندا، ياتقاندا ئاستىغا سېلىش ئۈچۈن رەخت ئارىسىغا پاختا سېلىپ تىكىلىدىغان بۇيۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يېڭى تۇغۇلغان قوزىنىڭ تۈكى پەس، بۈدۈر - بۈدۈر كەلگەن گۈللۈك تېرىسى.
كۆرپە تۇماق. كۆرپە جۇۋا.