Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆپ تۆرەلمىلىك ھادىسە
بىئولوگىيە
ئۇرۇق ئىچىدە كۆپ تۆرەلمە بولۇش ھادىسىسى. يالىڭاچا ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىكى بىر تۆرەلمە تۈگۈنىدە ئىككىدىن ئارتۇق تۇخۇمدن ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسى بولۇپ، ھەربىر تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى يېتىلىش جەريانىدا بۆلۈنۈپ كۆپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا كۆپ تۆرەلمىلىك ھادىسە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا بىر تۆرەلمە يېتىلىدۇ. كۆپ تۆرەلمىلىك ھادىسە يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ئاز ئۇچرايدۇ. بىراق ماندارىن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈگۈن مەركىزىي توقۇلمىسى كۆپ ساندا تۇراقسىز تۆرەلمە ھاسىل قىلىدىغان ئەھۋال ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر دانە ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسى يېتىلىش جەريانىدا بۆلۈنۈپ كۆپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدىغان ئەھۋال (مەسىلەن، تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر)، ياردەمچى ھۈجەيرە (مەسىلەن، بالدۇر پىشىدىغان باشاقلىقلار ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەر) ياكى تەتۈر پۇت ھۈجەيرە (مەسىلەن، كۈندە) تۆرەلمە ھاسىل قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. بىر تۆرەلمە تۈگۈنىدە ئىككىدىن ئارتۇق تۆرەلمە خالتىسى بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان كۆپ تۆرەلمىلىك ھادىسە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.