Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆپىيىش دەۋرى
بىئولوگىيە
<نەپەسلىنىش دەۋرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاياللار ۋە چىشى ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ جىنسى يېتىلگەندىن كېيىن، جىنسىي فۇنكسىيىسى چېكىنىشتىن ئىلگىرى تۇخۇمدان ۋە قوشۇمچە جىنسىي ئورگانلىرىدا دەۋرلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ ھادىسە كۆپىيىش دەۋرى دېيىلىدۇ. پرىماتلار (ئادەملەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) نىڭ ھەيز دەۋرى <ھەيز دەۋرى> گە قارالسۇن(كۆپىيىش دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. پرىماتلاردىن باشقا ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆپىيىش دەۋرى كۈيلەش دەۋرى دېيىلىدۇ. ھەر بىر كۈيلەش دەۋرىنىڭ داۋاملىشىش مەزگىلى ھايۋان تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاشمايدۇ، كۈيلەش دەۋرىنىڭ يۈز بېرىش نۆۋەت سانىمۇ ھايۋانلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى ئاران بىر يىلدا بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىملىق كۆپىيىش )نەسىللىنىش( پەسىلدە يۈز بېرىدۇ؛ ئۆي ھايۋانلىرىدا بىر يىلدا تەكرار پەيدا بولۇشى مۇمكىن، كالا ۋە قويلارنىڭ بىر يىلدىكى بىر مەزگىل ئىچىدە بىر نەچچە كۆپىيىش دەۋرى بولىدۇ. چاشقانلاردا كۆپىيىش دەۋرى مەۋجۇت ئەمەس، ھەر بىر كۈيلەش دەۋرىنىڭ ۋاقتى قىسقا بولۇپ، پەقەت 4 - 6 كۈنلا بولىدۇ. مۈشۈك ۋە توشقانلارنىڭ تىپىك كۈيلەش دەۋرى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ تۇخۇم چىقىرىشى چېتىشىشتىن كېلىپ چىققان بولىدۇ. ھەر بىر كۈيلەش دەۋرىنى ئىنچىكىلەپ تۆت مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ؛ )1(كۈيلەشنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى، تۇخۇمداندا بىر ياكى بىردىن ئارتۇق تۇخۇم پۈۋەكچىسى تەرەققىي قىلىپ يېتىلىپ تۇخۇم چىقىرىشقا ھازىرلىنىدۇ. بالىياتقۇ شىللىق پەردىسى قېلىنلايدۇ، ۋاگىنا )جىنسىي يول( ئىششىپ كۆپۈپ قان تولىدۇ، ئەمچەك يوغىنايدۇ. )2( كۈيلەش مەزگىلى. كۈيلەش دەۋرىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ جىنسىي تەلىپى قوزغىلىدۇ، چېتىشىشنى قوبۇل قىلىش خاھىشى ئىپادىلىنىدۇ. بۇ چاغدا تۇخۇمدان تۇخۇم چىقىرىدۇ، قوشۇمچە جىنسىي ئورگانلارنىڭ ئۆزگىرىشى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ. )3(كۈيلەش ئاخىرقى دەۋرى. تۇخۇمداندىكى تۇخۇم چىقىرىپ بولغان تۇخۇم پۈۋەكچىسى سېرىق تەنىگە ئۆزگىرىدۇ، بالىياتقۇ شىللىق پەردىسى داۋاملىق قېلىنلاپ، سۈت بېزى توختىماي يوغىناپ تۇخۇمنىڭ ئۇرۇقلىنىشىغا ھازىرلىنىدۇ. ئەگەر تۇخۇم ئۇرۇقلانماي قالسا سېرىق تەنە يىگىلەپ قوشۇمچە جىنسىي ئورگانلارمۇ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ. )4(كۈيلەش ئارىلىق مەزگىلى، تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ ياكى توختايدۇ، بالىياتقۇ ۋە ۋاگىنا )جىنسىي يول( دىۋارلىرى نېپىزلەيدۇ، ھايۋان تىنچ ھالەتكە چۈشىدۇ. كۆپىيىش دەۋرىدىكى قوشۇمچە جىنسىي ئورگانلارنىڭ دەۋرلىك ئۆزگىرىشى تۇخۇمداننىڭ ئىچكى ئاجرىتىش فۇنكسىيىسىنىڭ دەۋرىلىك ئۆزگىرىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. تۇخۇمداننىڭ ئىچكى ئاجرىتىش پائالىيىتى نېرۋا سىستېمىسى ۋە گىپوفىز ئاجراتقان گونادوتروپىن )جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى گورمون( لارنىڭ تەڭشىشىنى قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا چىشى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش دەۋرى گىپوفىز فۇنكسىيىسىنىڭ دەۋرىلىك ئۆزگىرىشىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.