Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆپەيتكۈچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كۆپەيتىش رولىنى ئوينايدىغان، كۆپەيتىدىغان.
كۆپەيتكۈچى ئىپادە.
ئى <مات> كۆپەيتىش ئەمىلىدىكى باشقا سان كۆپەيتىلىدىغان سان. مەسىلەن، 5×3 = 15 دىكى 3 كۆپەيتكۈچىدۇر.
ئى <مات> بىر پۈتۈن سان ئىككىنچى بىر پۈتۈن سانغا پۈتۈن بۆلۈنسە، كېيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ كۆپەيتكۈچىسى بولىدۇ. مەسىلەن: 1، 2، 3، 4، 5، 6 لەرنىڭ ھەممىسى 12 نىڭ كۆپەيتكۈچىلىرىدۇر.