Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆمۈرچىلىك بېلىقلار
بىئولوگىيە
بېلىقلار سىنىپىدىكى ئاساسلىق بىر تۈركۈم (سىستېما)، ئىچكى ئىسكىلىتى (سۆڭەكلىرى) پۈتۈنلەي كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئادەتتە قىسمەن كالتسىيىلىشىپ قاتتىقلىقىنى ئاشۇرىدۇ. تېنىنى ئۇششاق قالقانسىمان تەڭگىچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ. ژابرا يېرىقچىسى ئادەتتە بەش جۈپ بولۇپ، بىۋاسىتە بەدەن سىرتىغا تۇتىشىدۇ، ژابرا قاپقىقى بولمايدۇ. ژابرا بۆلگۈچىسى تەرەققىي قىلغان، ئېغىزى بېشىنىڭ قورساق تەرىپىدە بولىدۇ. ئۈستۈنكى جاغى تاڭلاي چاسا كۆمۈرچىكىدىن، تۆۋەنكى جاغى مېككېل كۆمۈرچىكىدىن تەركىب تاپقان. چىشى بار. ئېغىزىنىڭ ئالدىدا بىر جۈپ بۇرۇن تۆشۈكى بولىدۇ. بىرىنچى ژابرا يېرىقچىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈستۈنكى تەرىپىدە ئادەتتە بىر سۇ پۈركۈگۈچ تۆشۈكى بولۇپ جاغ يايى ۋە تىل يايى ئارىلىقىدىكى ژابرا يېرىقچىسىنىڭ قالدۇق ئىزى ھېسابلىنىدۇ. ئۈچەي نەيچىسى قىسقا بولۇپ، ئىچىدە سپىرال كلاپانى بولىدۇ. پۈۋىكى يوق. يۈرىكىدە ئارتېرىيە كونۇسى بولىدۇ. يەككە جىنسلىق، بەدەن ئىچىدە ئۇرۇقلىنىدۇ، ئەركىكىنىڭ پالاقچە ئايىغى چېتىشىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. تۇخۇم، تۇخۇم تۆرەلمە ياكى تىرىك تۇغۇش ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. ھازىر بار بولغان كۆمۈرچەكلىك بېلىقلار پلاستىنكا ژابرالىقلار كەنجى سىنىپى (Elasmobranchii) بىلەن پۈتۈن باشلىقلار كەنجى سىنىپى (Holocephali) گە بۆلۈنگەن. بېلىق تېنى ئۇرچۇق شەكلىدە، كۆپىنچە ياپىلاق، قىسمەن تۈرلىرىنىڭ بەدىنى تەكشى ياپىلاق بولۇپ، تەخسىسىمان بولىدۇ. قۇيرۇقى قىيسىق قۇيرۇق شەكلىدە. تاشقا ئايلانغان قالدۇقى ئەڭ دەسلەپ يۇقىرى دېۋون دەۋرىدىكى يەر قاتلاملىرىدىن تېپىلغان بولۇپ، خېلى ساندىكى تۈرلىرى (150 - 200 تۈر) يەنىلا بۈگۈنگە قەدەر ساقلانغان