Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆمەچ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
نان، كۆمەچ نان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خېمىردىن تەييارلىنىپ، تونۇردا، تاۋىدا پىشۇرۇلىدىغان ئاساسىي يېمەكلىك.
چىش بولمىسىمۇ بار يېيىشكە ئىمكان، زور مۇسىبەتتۇر گەر بولمىسا نان. ھۇرۇننىڭ نېنى ئىككى بولماس. چاي بولمىسا بولمىسۇن، كاكچا كەم بولمىسۇن. ئاشنى بۇزۇپ ئۇماچ قىلدى، ناننى بۇزۇپ كۆمەچ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆمەچ.
كۈلگە كۆمۈپ پىشۇرۇلغان نان.
1 - 467
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
چوغقا كۆمۈپ پىشۇرىدىغان نان.
ئۇلار ئۈچ - تۆت كۈنگىچە كۆمەچ كۆمۈپ يېدى.
تونۇردا تۇرماي چۈشۈپ كەتكەن نان.
ئاشنى بۇزۇپ ئوماچ قىلدى. ناننى بۇزۇپ كۆمەچ قىلدى (ماقال).
كۆچمە. مەنپەئەت.
سەن ئويلاپ باق، ھەممىمىز ئۆز كۆمۈچىمىز، ئۆز خاتىرجەملىكىمىز ئۈستىدە ئويلاپ، قۇل بولۇپ ئۆتۈپ كېتەمدۇق.