Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆلەڭگە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
سايە، كۆلەڭگە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ كۈن نۇرىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن يەردە ياكى باشقا جىسىمدا كۆرۈنگەن شەكلى، قارىسى.
ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈپتۇ. ئۆزىنىڭ سايىسىگە ئۆزى مۇشت ئېتىپتۇ. دوستلۇق قۇياشنىڭ كۆلەڭگىسى، كۈن ئوچۇق چاغدىلا چىقىدۇ. كۈنگەيدە ھەراھ بولىدۇ، تەسكەيدە يوشۇرۇنىدۇ، ئۇ نېمە؟ (سايە - كۆلەڭگە).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاپتاپ نۇرىدىن توسۇلغان جاي، سايە.
قورۇققانغا قوش كۆرۈنەر، كۆلەڭگىسى بەش كۆرۈنەر (ماقال).
يىراققا، قاراڭغۇلۇقتا، تۇماندا غۇۋا كۆرۈنگەن نەرسە، قارا.
تامدىن ئۈچ - تۆت قەدەمچە نېرىدىكى قېىرى ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئىككى قارا كۆلەڭگە كۆرۈندى.
كۆچمە. ۋەھىمە، قورقۇنچ، ۋەھىمىلىك بېشارەت، شەپە.
ئەجەلنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ئۇنىڭغا يىقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.