Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆكۈيۈن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پارازىت قۇرتلار: ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى چىقىپ، قېنىنى شوراپ ياشايدۇ.
پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاپتۇ. بۈرگىنىڭ بېشىنى پالتا بىلەن چېپىش لازىم ئەمەس. چۇسا چاقسا، بۈرگىنى ئەسلەيمەن. كانا - مالنىڭ كۈشەندىسى. كۆكۈيۈن ئاتقا ئارام بەرمەيدۇ. سالىجىدەك چاپلاشقاندىن قورق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
ھاشاراتلارنىڭ بىر ئائىلىسى. تېنى ئۇزۇن، ئېللىپس شەكىللىك، بېشى كەڭ، سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى قىسقا، مۇرەككەپ كۆزى چوڭ ۋە قارامتۇل يېشىل، ئېغىزى توم، قورساق قىسىملىرى چوڭ ھەم ئۇزۇن كېلىدۇ. دالىلاردا، ئوت - چۆپ ئارىسىدا ياشايدۇ. ئەركىكى ئۆسۈملۈك شىرنىسى ياكى گۈل شىرنىسىنى، چىشىسى ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شوراپ ياشايدۇ.