Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆكتۈرك خانلىقى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارىخ
كۆكتۈرۈكلەر تەرىپىدىن مىلادىيە 552 - يىلى ئاشىنا ئۇرۇقىدىن بولغان تۈمەن (مەڭگۈ تاشلاردا <بۇمىن> دېيىلىدۇ) نىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان خانلىق. ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە لياۋخې دەرياسى، غەربتە كاسپى دېڭىزى، جەنۇبتا موڭغۇلىيە چۆللۈكىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلار، شىمالدا سىبىرىيە تاغلىرى ئارىلىقلىرى بولغان. مىلادىيە 774 - يىلى ئۇيغۇر ياغلىقلار ئۇرۇقىدىن بولغان قۇتلۇق بىلگە كۆل خاقاننىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.