Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆكرەك بوشلۇقى
بىئولوگىيە
كۆكرەك قىسمى ئىچىدىكى تەن بوشلۇقىنى بىر قىسمى. كۆكرەك ئومۇرتقىسى، قوۋۇرغىلار، قوۋۇرغا كۆمۈرچىكى ۋە تۆش (كۆكرەك) سۆڭەكلىرى ئورتاق شەكىللەندۈرگەن كۆكرەك قەپىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى بوشلۇقى كۆكرەك بوشلۇقى ھېسابلىنىدۇ. بوشلۇقنىڭ ئالدى تەرىپى بويۇنغا تۇتىشىدۇ. كەينى تەرىپى دىئافراگمىغا تۇتىشىدۇ. ئالدى كىچىك، كەينى چوڭ بولۇپ، پۈتۈن بوشلۇق كونۇس شەكلىدە بولىدۇ، ئىككى يېنى قوۋۇرغا، قوۋرۇغا كۆمۈرچىكى ۋە قوۋۇرغا مۇسكۇلى (گۆشى) دىن ئىبارەت، دۈمبە تەرىپى كۆكرەك ئومۇرتقىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللار، قورساق تەرىپى تۆش سۆڭىكى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇسكۇللاردىن ئىبارەت. كۆكرەك بوشلۇقى قان ئايلىنىش سىستېمىسى بىلەن نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئورگانلىرى بولغان يۈرەك بىلەن ئۆپكىنى قوغداپ تۇرىدۇ، ھەمدە بىر قىسىم كاناي، قىزىلئۆڭگەچ، مۇھىم قان تومۇرلارنى قاپلاپ تۇرىدۇ. نەپەسلىنىش مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى قوۋۇرغىنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ سىغىمىنى چوڭايتىدۇ ياكى كىچىكلىتىدۇ. ئالدىنقىسى ھاۋا سۈمۈرۈشكە، كېيىنكىسى ھاۋا چىقىرىشقا ياردەملىشىدۇ. ئۆپكىنى ئىككى قەۋەت كۆكرەك پەردىسى ئوراپ تۇرىدۇ. سىرتقى قەۋىتى <كۆكرەك پەردە دىۋار قەۋىتى>، ئىچكى قەۋىتى <كۆكرەك پەردە ئىچكى ئەزا قەۋىتى> دېيىلىدۇ. ئىككى قەۋەتنىڭ ئارىلىقى كۆكرەك پەردە بوشلۇقى بولۇپ، ئىچىدە ئاز مىقداردا شىرنىلىق سۇيۇقلۇق بولىدۇ. بۇ، نەپەسلىنىش ۋاقتىدىكى ئۆپكە قاتارلىقلارنىڭ سۈركىلىشىنى كېمەيتەلەيدۇ. ئەگەر كۆكرەك پەردىسى تېشىلىپ قالسا ياكى ئۆپكە يېرىلىپ كەتسە، كۆكرەك پەردە بوشلۇقىغا ھاۋا كىرىپ كېتىپ ھاۋالىق كۆكرەكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆپكە قورۇلۇپ قېلىپ نەپەسلىنىش ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.