Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆك مەسچىت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئىراندىكى مەسچىت بولۇپ، ئۇنى تۈركمەن قارا قويۇنلۇ سۇلالىسىدىكى جاھان شاھ تەبرىزدە سالدۇرغان. مەسچىت تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدە بولۇپ.، ئالدىنىڭ ئېگىزلىكى 52 مېتىر كېلىدۇ. ئىككى بۇلۇڭدىكى يۇمۇلاق مۇنار ئۈستىدە ئەرزان ئېيتىدىغان پەشتاق بار. مەسچىت ئىچىدە ئۈستى ئەگمە قىلىپ سېلىنغان توققۇز ئۆي بار. ئوتتۇرىدىكى ئۆيگە يوغان ئىشىك قويۇلغان. ئۇنىڭ ئەگمىسى ھەر خىل نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن ئوتتۇرىسىدىكىسى نامازخانا بولۇپ، ئۇنىڭ ئەگمە ئۆگزىسى ئوچۇق تۇرىدىغان سەككىز ئەگمە ئىشىكنىڭ ئۈستىگە يېپىلغان؛ نامازخانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن ئىككى ئېغىز، كەينىدە بىر ئېغىز ئۆي بار. مەسچىت خىش بىلەن سېلىنغان. مەسچىتنىڭ ئىچى - سىرتىغا رەڭلىك (ئاساسلىقى زەڭگەر رەڭلىك) ساپاللار چاپلانغان. بۇ چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ ئۈستىگە غايەت زور گۈمبەز ياسالغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«سۇلتان ئەھمەد جامەسى» گە قاراڭ.