Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆكەرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېمەك - ئىچمەك ئىسسىقنىڭ تەسىرىدىن رېئاكسىيىلىنىپ، بۇزۇلۇپ قالماق.
ئىرىگەن سۈت قېتىق بولماس. خېمىر بىخسىپ قالسا، ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ، قايتىدىن چەيلىسە تۈزۈلىدۇ. كۆكىرىپ قالغان ناننى يېيىش زىيانلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دەل - دەرەخ يوپۇرماق چىقىرىپ، گۈل - گىياھلار ئۈنۈپ، كۆك ھالەتكە كەلمەك.
ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر، يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر (ماقال).
<بىئول> ئورگانىك ماددىلار كۆكىرىك زەمبۇرۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بۇزۇلۇپ، سۈپىتىنى ئۆزگەرتمەك؛ پاختىلاشماق.
نان كۆكىرىپ قالماق.
كۆچمە. ئاچچىقلانماق، خاپا بولماق.
ھە بىكاردىن - بىكار نېمىگە كۆكىرىسەن؟
كۆچمە. بەك توڭۇپ كەتمەك، مۇزلاپ كەتمەك.
ئۇنىڭ قۇلاقلىرى توڭلاپ كۆكىرىپ كەتكەنىدى.