Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆيۈك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسم(«كۆيⅠ»گە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «ئۈك»قوشۇلغان) .
كۆيگەن يەر.
كۆيۈكنى داۋالاشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى چىقىپتۇ. * كۆيۈك ناننى يېمىگەن ياخشى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كۆيگەن، ئۆرتەنگەن؛ ئىشىق دەردىنى تارتقان.
داغ؛ كۆيۈك.
غەم، قايغۇ.
ئوت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭقۇر خاھىش، مەيل، ئىشتىياق.
<قولۇشتۇق> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<كۆيۈك> ئەر - ئايال ئارىسىدىكى <ئىشق - مۇھەببەت>.
ئىشقى يوق ئېشەك، دەردى يوق كېسەك. ئىشقى يوق ياردىن ئىسسىق ئوچاق ياخشى. مۇھەببەت چىراي تاللىماس. گۈزەللىك تويدا كېرەك، مۇھەببەت كۈندە. مۇھەببەت گۈزەل پەزىلەتنىڭ سىناق تېشى. سۆيگۈدە ئاچچىق ئىزا يوق. ۋەھىمە ئۇيقۇڭنى قاچۇرىدۇ، كۆيۈك رەڭگىڭنى سارغايتىدۇ. كۆيۈك ئوتى ئالدىدا دوزاخ ئوتى ئوچقۇنچە يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆيۈك.
كۆيۈك نەڭ _ كۆيۈك نەرسە، كۆيگەن نەرسە.
3 - 230
ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، كۆيدۈرگۈچى ئامىللار (ئوت، قىزىق ياغ، قايناق سۇ، كۈن نۇرى، توك، چاقماق، خىمىيىۋى ماددىلار) كۆيدۈرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئېغىر - يەڭگىللىكىگە قاراپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكتە تېرە قىزىرىپ ئىششىش؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكتە، تېرىدە سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇش، بۇ ئىككىلىسىدە قاتتىق ئاغرىش؛ ئۈچىنچى دەرىجىلىك كۆيۈكتە، تېرە زەخىملىنىشى ئېغىر، ئەمما ئاغرىش سېزىمى يەڭگىل بولۇش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قۇرۇتۇلغان ھەمىشىباھار يوپۇرمىقى 50 گرام، زەيتۇن يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ھەمىشىباھار يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم كۆيگەن ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
】تەركىبى【
ئاق لەيلىگۈلنىڭ گۈلى 03 گرام، توخۇ يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ئاق لەيلىگۈلنى يۇمشاق ئېزىپ، توخۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
】تەركىبى【
قۇرۇتۇلغان ئاچچىق ئانار يىلتىزى 50 گرام، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
】تەييارلاش ئۇسۇلى【
ئانار يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
】ئىشلىتىش مىقدارى【
كۈنىگە 3 ~ 4 قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
يانغان، قورۇلغان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كۆيگەن، بىرەر يېرى كۆيۈپ كەتكەن ياكى ئوتتا پۇچىلانغان.
ئۇلار باينىڭ زۇلمى بىلەن تاتىرىپ، كۆيۈك نان تاپسا غاجىشىپ، بىللە مۇڭدىشىپ قوشۇلۇشقانلار.
ئى. كۆيگەن نەرسىلەرنىڭ قالدۇقى.
ئوتۇننىڭ كۆيۈكى. ناننىڭ كۆيۈكى.
ئى <تېب> ئوت، كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئاساس، ئېكس نۇرى ۋە ئاتوم ئېنېرگىيە نۇرى قاتارلىقلارنىڭ بەدەن بىلەن ئۇچرىشىپ، توقۇلمىلارنى بۇزۇۋېتىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان جاراھەت، يارا.
سۈپ. كۆيدۈرىدىغان، قىزىق، تەپتى كۈچلۈك.
كۆيۈك ئاپتاپ.
ئى. كۆچمە. بىرەر كىشى ياكى ۋەتەنگە بولغان كۈچلۈك ئىشقى - پىراق، ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈش، مەھلىيا بولۇش مۇھەببەت، مەپتۇنلۇق.
كۆيۈك ئوتى.