Uyghurئاساسىي لۇغەت
كۆچ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىلىپ كېتىۋاتىقان ئادەم، ئات - ئۇلاغ، يۈك - تاق توپى.
ئۇ ياقتىن كۆچ كېلىۋاتىدۇ. * كۆچ - كۆچ ناخشىسى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
كۆچمەك، كۆچۈش. 1 . بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكەلمەك، كەتمەك.
كۆپمەن. * ئۇلار قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن. * ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچىدۇ. قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچىدۇ (ماقال). * كەمبەغەل بولساڭ كۆچۈپ باق (ماقال).
2 . بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى تۈگىتىپ، باشقا بىر ئىش - ھەرىكەتكە ئۆتمەك. ئەمدى تۇمۇش مەسىلىسىگە كۆچىمىز.
3 . يۇقىرىغا ئۆرلىمەك. ئازاد بەشىنچى سىنىپقا كۆچتى. * ئەركىن سىنىپتىن كۆچەلمىدى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يۈك، بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا ئېلىپ كېتىلىدىغان رۇزغار ئەشيالىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ۋاقىت؛ ئايرىم كەلمەيدۇ، «شۇ» ، «بىر» سۆزلىرى بىلەن بىللە كېلىدۇ.
قەيەرگە ئاپتاپ نۇر تۆككىنى ھامان، كېتىدۇ ئۇ يەردىن سايىمۇ شۇ ئان. شۇ ئەسنادا قەيەرلەردە يۈرىدىغانسىز؟ گەر كىمدە ئەقىلىدىن ئازدۇر - كۆپتۇر بار، ئۆمۈردىن بىردەمنى ئۆتكۈزمەس بىكار. باغۋەن ئىش پېيىدا بولمىسا بەزەن، باسىدۇ شۇ ھامان ئەتراپنى تىكەن. قۇش تۇخۇمى باغرىغا باسقان زامات، ھىممەتتە ئۆلۈككە ئاتا قىلار جان. بىر سائەتتىن كېيىن تاۋاق تارتىلدى. بىر كۆچ كۇزگىل _ بىردەم كۈتكىن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۆچ.
سۈ كۆچتى _ قوشۇن كۆچتى.
1 - 422
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دەم، پەيت، كەز.
بىر كۆچ كۈزگىل _ بىردەم كۈتكىن، بىر ئاز كۈت.
1 - 422
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆچۈش پەيتىدە توشۇلىدىغان ئۆي - روزغار بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت يۈك.
چارۋىچىلارنىڭ كۆچ ئارتقان تۆگە، قوتازلىرى تاغ باغرىدىكى چىغىر يولدا قاتار كېتىۋاتاتتى.
ئى. كۆچىدىغان، كۆچكەن قار.
كۆچ كۆچتى.