Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كودوررۇ
دۇنيا تارىخى
库都鲁
kù dōu lǔ
مېسوپوتامىيىدىكى ئوتتۇرا بابىلۇنىيە دەۋرىدىكى يەر پاسىلى مەڭگۈ تېشى. كاست خاندانلىقى دەۋرىدىن تارتىپ ياسىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭغا مىخ يېزىق بىلەن پادىشاھنىڭ ئاقسۆڭەك، ۋەزىرلىرىگە يەر ئىنئام قىلىغانلىقى ھەمدە ئالۋان - ياساقتىن كەچۈرۈم قىلىش پەرمانلىرى ئويۇپ يېزىلغان. ئىسىن ئىككىنچى خاندانلىقى يېڭى بابىلون دەۋرىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇلغان. مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستى ۋە يۈزىگە تەڭرىنىڭ سمۋولى، مەبۇد ۋە پادىشاھلارنىڭ سۈرەتلىرى قاتارلىقلار قاپارتما قىلىپ ئويۇلغان. بۇ ئوتتۇرا بابىلون دەۋرىدىكى سەنئەت ۋە ئەينى زاماندىكى ئىقتىسادى تۈزۈم، بولۇپمۇ يەر خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە ئۇنى تەتقىقى قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيىنىڭ لوندون برىتانىيە مۇزېيىدا مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا تەۋە بولغان بىر پارچە يەر پاسىلى مەڭگۈ تېشى ساقلانغان بولۇپ، مەڭگۈ تاشنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان قاپارتما نەقىشتە بابىلون پادىشاھلىقىنىڭ ئاقسۆڭەكلەرگە يەر ئىنئام قىلىۋاتقان مەنزىرە ئىپادىلەنگەن. قاپارتما نەقىش ئوبرازى، ئۇسلۇبى جەھەتتىن خاممۇرابى قانۇنى ئويۇلغان مەڭگۈ تاشتىكى قاپارتما نەقىشكە ئوخشاپ كېتىدۇ.