Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كېنتال يىغىنى
دۇنيا تارىخى
昆塔尔会议
kūn tǎ ěr huì yì
ئىككىنچى قېىتملىق سىممېرۋالد يىغىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1619 - يىل 4 - ئاينىڭ 24 - 30 ـ كۈنلىرى شۋېتسارىيىدىكى كېنتالدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيى. يىغىنغا قاتناشقان 43 نەپەر ۋەكىل ئىچىدە سولچىلارنىڭ ۋەكىلى 12 نەپەر بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمقى يىغىنغا قارىغاندا خېلى كۆپەيگەن. لېكىن يەنىلا ئاز ساننى تەشكىل قىلغان. يىغىندا ئاساسەن پرولېتارىياتنىڭ ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش، تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئاممىۋى كۈرەشكە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىس مۇھاكىمە قىلىنغان. لېنىن ۋە سولچىلارنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئارقىسدا، يىغىندا سوتسىيال تىنچىلىقپەرەسلىك ۋە خەلقئارا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىجرائىيە بيۇروسىنىڭ سوتسىيال شوۋىنزىملىق مەيدانىنى ئەيىبلەيدىغان قارار ماقۇللانغان. يەنە <ۋەيران بولغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلقلەرگە مۇراجىئەتنامە>نى ماقۇللاپ، پرولېتارىياتنى جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ، يەر بۆلۈپ بەرمەيدىغان، تۆلەم تۆلىمەيدىغان تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان؛ سوتسىيالىستلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن جاھانگىر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەربىي سىياسىتنى قوللاشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان؛ كاپىتالىستىك جەمئىيەت ئاساسىدا مۇستەھكەم تىنچلىقنى ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا مۇستەھكەم تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. لېكىن يىغىن لېنىن تۈزۈپ چىققان روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپ - لايىھىسىنى قوبۇل قىلىدىغان، بولشېۋىكلارنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلاندۇرۇپ، ئۆز دۆلەت ھۆكۈمىتىنى ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلىپ، ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي پرىنسىپىنى قوبۇل قىلمىغان. لېنىن باشچىلىقىدىكى سولچىلار يىغىنىنىڭ قارارى ۋە خىتابنامىسىنى ئاۋاز بېرىپ قوللىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى مەسىلىلەردە ئۆز پوزىتسىيىسىنى ساقلاپ قالغان. بۇ قېتىمقى يىغىن ھەرقايسى ئەل سولچىلىرىنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈرگەن، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە كېيىن ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتە ۋە تەشكىلىي جەھەتتە ھازىرلىق كۆرۈپ بەرگەن.