Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كىنشاسا
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر金沙萨
jīn shā sà
ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى زايىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى، ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم دەريا پورتى. كىنشاسا زايىر (كونگو) دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ سول قىرغىقىغا قايلاشقان بولۇپ، كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بىراززاۋىل شەھىرى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. بۇ شەھەر 1881 - يىلى قۇرۇلۇپ، <لېئو پولدىۋىل> دەپ ئاتالغان. بۇ نام 1966 - يىلى كىنشاساغا ئۆزگەرتىلگەن. كىنشاسا شۇ جايدىكى بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ، شەھەرنىڭ نامىمۇ شۇ جايدىكى قەبىلە باشلىقى نامىغا بېرىلگەن. كىنشاسا ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، زايىرنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. شەھەرنىڭ يەر مەيدانى 250 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 3 مىليوندىن ئاشىدۇ (1985)، بۇ جايدا ياغ چىقىرىش، يېمەك - ئىچمەك، توقۇمىچىلىق، ياغاچچىلىق، كېمىسازلىق، ماشىنا رېمونت قىلىش، خىمىيە، نېفىت ئايرىش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. كونگو دەريا باسسىنىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇ جايغا توپلىنىپ سىرتلارغا تارقايدۇ. كىنشاسا شەھىرىدىن زايىرنىڭ مۇھىم پورتى ماتادې ئارىلىقىغا تۆمۈر يول ۋە نېفىت تۇرۇبىسى ياسالغا.ن كىنشاسادىن دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ كېمە بىلەن ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ پايتەختى بانگى شەھىرىگە قەدەر قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. زايىر دەرياسىنىڭ كىنشاسادىن ماتادې پورتىغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا 32 چوڭ شاقىراتما بار. بۇ ئورۇننىڭ سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى ناھايىتى مول، بۇ جايدا چوڭ تىپتىكى ئېلېكتر ئىستانسىلىرى داۋاملىق قۇرۇلماقتا. كىشاسا زايىرنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، بۇ جايدا ئاتاقلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى تەتقىق قىلىش ئورنى، مۇزېي، كۆلىمى چوڭ بولغان ھايۋاناتلار باغچىسى، خەلقئارا ئايرودرومى، مەشھۇر ساياھەت ئورۇنلىرى بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى金沙萨
jīn shā sà
GetWord كۇللىياتى
9金沙萨
金沙萨【世界各国】
jīn shā sà
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.