Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كنوسوس
دۇنيا تارىخى
诺萨斯
nuò sà sī
كرىت ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى قەدىمىي شەھەر. كائېرانۇس دەرياسى بويىغا - ئوتتۇرا دېڭىزغا يېقىن جايغا جايلاشقان؛ يېرى مۇنبەت، دېڭىزدىكى پايدىلىق شارائىتىغا ئىگە، ئېگېي مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇھىم مەركىزىي، يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى مىنوس پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى. رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، خاسىيەتلىك ئوستا دائېدالۇس مىنوس خان ئوردىسى (<سىرلىق ئوردا>) نى سالغان؛ تەكشۈرۈپ دەلىللىنىشىچە، بۇ شەھەرنى ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرى غەيرىي يۇنان تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر سالغان، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلدىن كېيىن دۆلەت قۇرۇلغان ھەمدە بىر مەھەل روناق تاپقان. ئۇ ئېگىېي دېڭىز شەھىرى دەپ ئاتالغان (مىلادىدىن ئىلگىرى ⅧⅩ - ⅤⅩ ئەسىرلەر) تەخمىنەن مىلادىدىن 1400 يىل ئىلگىرى يانار تاغ پارتلاش بىلەن بەربات بولغان بولۇشى مۇمكىن، كېيىن ھىندى - ياۋرۇپا تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان يۇنان تىلىدا سۆزلەيدىغان كىشلەر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئېگېي مەدەنىيىتى شۇنىڭدىن كېيىن مىسېنې مەركەز قىلىنغان دەۋرگە كىرگەن. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيە ئارخېئولوگى ئېۋانىس قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قېزىپ، ئېگېي مەدەنىيىتنىڭ مەزمونىنى زور دەرىجىدە تولۇقلىغان.