Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېننېدى
يۈز مەشھۇر شەخىس
1917 - 1963
كېننېدى 9171 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇ سېتس شتاتىنىڭ برۇكلىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1961 - يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولغان، 1963 - يىل 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېكساس شتاتىنىڭ داللاس شەھىرىدە سۈيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن، 1037 كۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.
بىزنىڭ كېننېدىنى بۇ يۈز كىشىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئاپوللون ئالەمگە ئۇچۇش پىلانىنى بېكىتىشكە مەسئۇل بولغانلىقىدا. ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىققانلىقى دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان چوڭ ئىش بولۇپ، كەلگۈسىدىكى 5000 يىل ئىچىدە ئۇ يەنىلا كشىلەرنىڭ ئېڭىدا جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
كېننېدى راستىنلا شۇ قېتىمقى ئالەمگە ئۇچۇشتىن قولغا كەلگەن شان - شەرەپكە مۇناسىپمۇ؟ ئەجەبا، شۇنىڭلىق بىلەن ئايدا تۇنجى بولۇپ ئاياق ئىزى قالدۇرغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى N. ئامىسترون بىلەن E. كىچىك ئالدرىنلارغا تۆھپە يازماسلىقىمىز مۇمكىنمۇ؟ ياق، ئەگەر داڭقىغا ئاساسەن رەتكە تىزساق ئەلۋەتتە بۇ ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ شۆھرىتى زور. ئەمما بۇ ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئەسلىدە نام - ئاتاقسىز كىشىلەر ئىدى، ناۋادا ئاپوللون 2 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنى ھەيدەپ ئايغا چىقىشتىن ئىلگىرى بىرەر كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بەرگەن بولسا، ئۇ ھالدا بىز باشقا نۇرغۇن ئالەم ئۇچقۇنلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئورنىدا ئالەم بوشلۇقىغا چىققانلىقىنى كۆرگەن بولاتتۇق.
ئەمەلىيەتتە، كېننېدى ئاپوللون ئايغا چىقىش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەل ئۆزى بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ پىلاننىڭ مەبلەغ، سەرپىياتى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، ئامېرىكا خەلقى ئۇنىڭغا قزىقمىغان ئىدى، ئەمما كېننېدى ئادەم ئېلىپ يۈرىدىغان ئالەم كېمىسىنى ئايغا قويۇپ بېرىشكە بەل باغلىغان، ئۇنىڭ بۇ پىلانىنى ئۇرۇنلاشتا ئوينىغان رولى ناھايىتى روشەن، مەزگۇر پىلان پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەنىدىن كېيىن، زۇڭتۇڭ كېننېدىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ نازارەت قىلىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان.
بەزى كىشىلەر ئاپوللون پىلانىنىڭ ھېچقانداق قالتىس يېرى يوق دەپ قارىشىدۇ، لېكىن ئامېرىكىدا ھازىر 1969 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى (ئايغا چىققان كۈنى) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئومۇمىي خەلق دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن. بىز كولومبو ئامېرىكا يېڭى قۇرۇقلۇقنى تاپقان ئاشۇ كۈننىڭمۇ ئومۇمىي خەلق دەم ئېلىش كۈنى قىلىپ بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز لازىم. بىراق، بارلىق تارىخشۇناسلار بىردەك يېڭى قۇزۇقلۇق بايقالغان ئاشۇ كۈن بىر يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدۇ. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئاپوللون 2 - نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئايغا چىققانلىقىنىمۇ، خۇددى كولومبونىڭ يېڭى قۇرۇقلۇق تاپقانلىقىغا ئوخشاش ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يېڭى دەۋرىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1917 - 1963) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1961 - 1963). دېموكراتلار پارتىيىسىدىن. ماسساچۇسېتىس شتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدە بايا ئائىلىدە تۇغۇلغان. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دېڭىز ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى جەڭگە قاتنىشىپ، پورۇچىك ھەربىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن بىر مەزگىل مۇخبىر بولغان. 1946 - يىلى ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان؛ 1952 - يىلى كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1959 - يىلى ئىشچىلارغا قارشى <كېننېدى - ئىرۋىگ قانۇنى> نى تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى. 1960 - يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىدە غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياش زۇڭتۇڭ بولغان، شۇنداقلا ئۇ ئامېرىكىدىكى كاتولىكلاردىن بولغان تۇنجى زۇڭتۇڭ ھېسابلىنىدۇ. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە <يېڭى چېگرا> سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، باج ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، ياشانغانلارنى داۋالاش سۇغۇرتىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، گراژدانلىق ھوقۇقىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارغا ۋەدە بەرگەن. لېكىن كۆپىنچىسى ئەمەلگە ئاشمىغان. تاشقى جەھەتتە <پۈتۈن يەر شارى ستراتىگىيىسىنى>، <جانلىق ئىنكاس> ستراتىگىيىسىنى يولغا قويغان؛ <تىنچلىق ئەترىتى> قۇرغان؛ ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىغا سىڭىپ كىرىپ، ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان ھەمدە ئۇنى كېڭەيتكەن، كۇباغا تاجاۋۇز قىلىش يولىدا كېلوم ساھىلى ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. 1963 - يىل 11 - ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېكساس شتاتىدىكى داللاس شەھىرىدە سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن. <ئەنگلىيە نىمە ئۈچۈن قاتتىق ئۇيقۇدىن ئويغانمايدۇ>، <قەھرىمان كىشىلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.