Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كىندى
شىنجاڭنىڭ يەر - جاي نامى
جاي نامى
(ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيىسى)
垦地
kěn dì
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
金迪〈美〉
jīn dí 〈měi 〉
دۇنيا تارىخى
肯迪
kěn dí
(801 - 873) ئەرەب پەيلاسوپى. ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىدە تۇغۈلغان. بەسرە شەھىرىدە بىلىم ئالغان، كېيىن يەنە باغدادتا ئوقۇغان. ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ ئوردىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ساپ ئەرەب قان سېستىمىسىدىن بولغاچقا، <ئەرەب پەيلاسوپى> دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇ ئارىستوتىل پەلسەپىسىنى تۇنجى قېتىم تەتقىق قىلغان ئەرەب پەيلاسوپى، ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ئەپلاتونچىلارنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچرىغان بولۇپ، ئەپلاتون بىلەن ئارسىتوتىلنىڭ پەلسەپىۋى نۇقتىئەنەزىرىنى كېلىشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۇ بىلىشنىڭ ئۈچ باسقۇچى بولىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ لوگىكا ۋە ماتېماتىكىدىن باشلىنىپ، ئىككىنچى باسقۇچ يەنى تەبىئىي پەن باسقۇچى ئارقىلىق ئۈچىنچى باسقۇچ يەنى مېتافىزىكا باسقۇچىغا كىرىدۇ، دەپ ھېسابلىغان. ئۇ <قۇرئان> غا نىسبەتەن گۇمانلىنىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ، ئۇنى زىددىيەت بىلەن تولغان دەپ قارىغاچقا، ئىسلام دىنىدىكى ۋاھابىيلەر تەرىپىدىن كۇپپار دەپ ئەيىبلىنىپ، ئەسەرلىرى كۆيدۈرۋېتىلگەن. ئۇنىڭ بىلىمى مول، ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ 361 خىل ئەسەر يازغان بولۇپ، ئەسەرلىرى گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە، مېتىرولوگىيە، مېدىتسىنا، پىسخولوگىيە، مۇزىكا، مۇنەججىملىك ۋە مېتال تاۋلاش تېخنىكىسى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرگە چېتىلغان، لېكىن كۆپ قىسمى يوقاپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئەقىل - پاراسەت توغرىسىدا>، <بەش خىل تەبىئىي خۇسۇسىيەت توغرىسىدا>، <لوگىكا مۇقەددىمىسى> قاتارلىقلار بار.