Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كېمېروۋو
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر克麦罗沃
kè mài luó wò
سوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق كېمېدوۋو ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر 1918 - يىلى شېگلوۋ بىلەن كېمېروۋودىن ئىبارەت ئىككى جىڭنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن، 1932 - يىلغىچە شېگلوۋىسكى دەپ ئاتالغان، 1932 - يىلدىن بۇيان ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. كېمېروۋو شەھىرى كوزنېتىسكى ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى توم دەريا بويىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 507 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). كېمېروۋو شەھىرى تارماق تۆمۈر يول ئارقىلىق چوڭ سىبىرىيە تۆمۈر يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئەتراپىدا مول كۆمۈر بايلىقى بار. بۇ شەھەر 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى كوزنېتىسكى (كۇز باس) كۆمۈرلۈكىنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلغان، شەھەردە كوكۇس كۆيدۈرۈش، خىمىيە، كۆمۈر قېزىش، ماشىنىسازلىقنى ئاساس قىلغان سانائەت ئورۇنلىرى، سانائەت، مېدىتسىنا، سىفەن قاتارلىق ھەرخىل بىلىم يۇرتلىرى بار.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى克马罗沃
kè mǎ luó wò
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.