Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىمباڭ رىتسارلار پولكى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىدىكى شىمال بىلەن جەنۇب ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىمال تەرەپتىكى كوپپېرخىئاد تەشكىللىگەن ئۇرۇشقا قارشى تەشكىلاتى. ئەسلى 1855 - يىللىرى ئوھىئو شتاتىنىڭ سىنناتى دېگەن جايدىكى بىر دوختۇر تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مەخپىي تەشكىلات بولۇپ، قۇللۇق تۈزۈمنى قوللاپ مېكسىكىنى ئىستېلا قىلشنى تەرغىپ قىلغان. جەنۇب بىلەن شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە <كوپپېرىخىئاد> نىڭ بىر تەشكىلاتى سۈپىتىدە ئىندىئانا شتاتىغا كىرگەن. 1863 - يىلى <ئامېرىكا رىتسارلار پولكى> قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1864 - يىلى <ئەركىنلىك ئوغلانلىرى جەمئىيىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن.