Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كلۇزېرې
دۇنيا تارىخى
克吕泽烈
kè lǚ zé liè
(1823 - 1900) 1871 - يىلدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئەزاسى. ياكۇنىنچى. 1848 - يلى ئىيۇل قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. قىرىم ئۇرۇشى ۋە گارىبالدىنىڭ سىتسىلىيىگە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. 1861 - يىلى ئامېرىكىغا كەتكەن. ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىمالنىڭ ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، گېنېراللىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. كېيىن ئېرلاندىيە فېننىچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، ئەنگلىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1868 - يىلىدىن تارتىپ پارىژغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ گېزىت - ژورناللىرىغا ماقالە يېزىپ، ھۆكۈمەتنى قاتتىق سۆككەن ھەمدە تۇتقۇن قىلىنغان. 1870 - يىلى 4 - سىنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، باكۇنىن بىلەن لېئان، مارسېلدىكى ئىنقىلابىي قوزغىلاڭنى تەشكىللىگەن. 1871 - يىلى پارىژ كوممۇنىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن كوممۇنا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن كوممۇنا ھەربىي ئىشلار ۋەكىلى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىجرائىي كومىتېت ئەزاسى بولغان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بېلگىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدە قېچىپ يۈرگەن، سىرتتىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1880 - يىلدىكى ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ بلانكىچىلىق ۋە سوتسىيالىزمنى قوللىغان. كۆپ قېتىم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ <ئەسلىملىرى> بار.