Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كىلپاترىك
دائىرە: دۇنيا تارىخى克伯屈
kè bó qū
(1871 - 1965) ئامېرىكىلىق پېداگوگ، پەيلاسوپ. گېئورگىيە شتاتىدا تۇغۇلغان. موسېل ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خوپكېنىس ئۇنىۋېرسىتىتىغا كىرىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1903 - 1905 - يىللىرى موسېل ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى بولغان. 1909 - يىلىدىن تارتىپ كۇلومبىيە ئۇنىۋېرسىتىتى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1912 - يىلى شۇ مەكتەپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1918 - 1938 - يىللىرى پروفېسسور بولغان. دېيۇۋىنىڭ پراگماتىزملىق مائارىپ ئىدىيىسىگە چوقۇنۇپ، ئوقۇغۇچىنى مەركەز قىلغان پىلانلىق ئوقۇتۇش مېتودىكىسىغا ئاساس سالغان. 1917 - يىلى جۇڭگوغا كېلىپ دەرس ئۆتكەندە، ئۆزىنىڭ نەزىرىيىسىنى پائال تەشۋىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <پىلانلىق ئوقۇتۇش مىتودىكىسى ئاساسلىرى>، <مائارىپ پەلسەپىسى>، <مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي كرىزىس> قاتارلىقلار بار
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.