Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كلوۋې
دۇنيا تارىخى
克洛维
kè luò wéi
(تەخمىنەن 465 - 511). فرانك كورۇلى. مېروۋې خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. مىلادى 481 - يىلى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا سالىك فرانكلىرى قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى بولغان. 486 - يىلى سوئىسسون (ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شىمالىدا) ئەتراپىدا غەربىي رىم سەردارى ساگرىس (؟ - تەخمىنەن 487 - يىلى)نى بىتچىت قىلىپ، لۇئارا دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى گاللىيە رايونىنى بېسىۋالغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانك پادىشاھلىقىنى بەرپاقىلغان. 496 - يىلى ئالمانىلارنى مەغلۇپ قىلغان. شۇ يىلى 3000 كىشىلىك قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چېركاۋ ۋە رىم گاللىيىلىكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 500 - يىلى بۇرگوندىيلارغا ئەسكەر تارتقان. 507 - يىلى پوئىتېرىس (ھازىرقى فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان) ئەتراپىدا غەربىي گۇتلارنى مەغلۇپ قىلىپ، گاللىينىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى فرانك كورۇللىقى زېمىنىگە قوشۇۋالغان. ئالاھىزەل شۇ يىلى پارىژدا ئوردا تەسىس قىلدۇرغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرى يەنە لاتىنچە يېزىلغان <سالىك قانۇنى> نى ئېلان قىلغان.