Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېلىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياتلىق بولۇپ كەلگەن قىز.
ئاۋۋال ئۆي تاپ، كېيىن كېلىن. كېلىن ئاغچىنى كەلگەندە كۆز، موماي خوتۇننى ئۆلگەندە. قېيىن ئانىنىڭ قولىدا ئېزىلگەن كېلىن قېيىن ئانا بولغاندا كېلىنىنى ئېزىدۇ؛ بۇ جاھان شۇنداق جاھان. قازاق كېلىنچەكلىرى ئەمگەكچان كېلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوغلىنىڭ خوتۇنى.
كۈيئوغۇل، كۈيۆ بالا
قىزىنىڭ ئېرى.
كۈيئوغۇل كەلدى - خان كەلدى. كۈلدە تام بولماس، كۈيئوغۇل بالا (بولماس). كېلىننى كەلگەندە كۆر، بۆكنى كىيگەندە. كۈيۆ بالاڭ يامان بولسا قىزىڭدىن كۆر، كېلىن ئاغىچا يامان بولسا، ئوغلۇڭدىن. كېلىن ئاغىچىنى كەلگەندە كۆر، موماي خوتۇننى ئۆلگەندە. قېيىن ئانىنىڭ قولىدا ئېزىلگەن كېلىن قېيىن ئانا بولغاندا كېلىنىنى ئېزىدۇ؛ بۇ جاھان شۇنداق جاھان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوغلىنىڭ خوتۇنى (ئاتا - ئانىغا نىسبەتەن).
قىزىم ساڭا ئېيتاي، كېلىنىم سەن ئاڭلا (ماقال).
كېلىنىڭنى كەلگەندە كۆر، بۆكنى كىيگەندە كۆر (ماقال).
تويى بولۇۋاتقان قىز.
كېلىن يۆتكىمەك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
توي قىلىپ ئەرنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ كېلىنگۈچى. ئەزىز، كۆڭلىنى ئىزدەپلا يۈرىدىغان كىشى.