Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كىليشول ئاساسىي قانۇنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى克莱雷尔宪法
kè lái léi ěr xiàn fǎ
1848 - يىلى ئاۋسترىيە دېموكراتلىرى بىلەن چېخ لىبېرال بۇرژۇئازىيىسى تۈزۈپ چىققان مىللىي مەسىلە توغرىسىدىكى كېلىشىمى. 1848 - يىلى، ۋېنا ئۆكتەبر قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيە پارلامېنتى موراۋىيىنىڭ كىچىك شەھىرى - كىليشولغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبور بولغان ھەمدە بۇ يەردە مىللىي مەسىلە توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. كېلىشىمدە: ئاۋسترىيىنى ھەرقايسى ئەركىن مىللەتلەر ئىتتىپاققا ئايلاندۇرۇش؛ مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، تىلى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باراۋەرلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سەككىز باراۋەر ئىتتىپاق رايونىنى يەنى گېرمانىيە - ئاۋسترىيە (سودېت رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چېخ كىنەزلىكى، پولشا رايونى (بوكوۋىنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، سلوۋېنىيە - ئىللىرىيە رايونى، ئىتالىيە رايونى (ترول، ۋېنسىيە ۋە لومباردىيىنى ئۆزئىچىگ ئالىدۇ)، يۇگوسلاۋىيانلار رايونى، ۋېنگرىيە رايونى ۋە رومىنىيە رايونىنى قۇرۇشنى جاكارلىغان. بۇ كېلىشىم گەرچە مۇئەييەن ئىلغارلىققا ئىگە بولسىمۇ بىراق ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاچقا، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى يوقاتقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.