Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كىلدىكى ماتروسلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
基尔水兵起义
jī ěr shuǐ bīng qǐ yì
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى گېرمانىيىدىكى كىل پورتىدا پارتلىغان ماتروسلار قوزغىلىڭى. 1918 - يىلى 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، گېرمانىيە مەغلۇپ بولۇشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق شتابى يەنىلا مۇشۇ پورتتىكى فلوتنى يىغىپ دېڭىزغا چىقىپ ئەنگلىيە بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. ماتروسلار ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ماتروسلار كىل ئىشچىلىرى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، نامايىش قىلغان ۋە بۇ تەرەققىي قىلىپ قوراللىق قوزغىلاڭغا ئايلانغان. 4 - كۈنى قوزغىلاڭچىلار 20 مىڭ كىشىدىن ئاشقان، شۇنداقلا ئەسكەرلەر ۋە ئىشچىلار سوۋېتى قۇرۇلغان. بۇ قوزغىلاڭ جايلارنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن، گېرمانىيە بويابر ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالغان.