Uyghurئاساسىي لۇغەت
كلائىرۋا
دۇنيا تارىخى
(1090 - 1153) فرانسىيە كاتولىك دىنى موناخى. بۈرگۈندتىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1115-يىلى ئۆزى قۇرۇپ چىققان كلائىرۋا (بۈگۈند چېگرىسى ئىچىدە) مۇناسىتىرنىڭ باشلىقى بولغان. كاتولىك دىنىي ياۋروپا مىستتسىزمنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. زاماندىشى، فرانسىيە پەيلاسوپى ئابېلارد ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئارنالدو (برېسسىيە) بىلەن كەسكىن مۇنازىرىلەشكەن ھەمدە ئىككىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇ قىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرغىپ قىلغان قوزغىغان (1147 - 1149). 1174 - يىلى چېركاۋ تەرىپىدىن <ئەۋلىيا> دېگەن ھۈرمەت نامىغا ئىگە بولغان.