Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كلاۋىيو
دۇنيا تارىخى
克拉维约
kè lā wéi yuē
(؟ - 1412) ئىسپانىيە كاستىللىق دىپلومات ۋە ساياھەتچى. كاستىل كورۇلى ھىنرى Ⅲ (1390 - 1406) نىڭ پەرمانىغا بىنائەن تېمور ئىمپېرىيىسىگە ئەلچى بولۇپ بارغان. 1403 - يىلى 5 - ئايدا كادىستىن يولغا چىقىپ، كونستانتىنوپول، تراپېزۇنت، ئېرزۇرۇم، تەبرىز، تېھران، مەشھەد قاتارلىق جايلارنى بېسىپ، 1404 - يىلى 9 - ئايدا تېمور ئىمپېرىيىسنىڭ پايتەختى سەمەرقەندگە يېتىپ كېلىپ، تېمۇرنىڭ ئىززەت - ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي تېمۇر ئۆلۈپ ھېچبىر نەتىجىسىز قايتىپ كەتكەن. 1406 - يىلى 3 - ئايدا ئىسپانىيىگە قايتىپ بارغان. كېيىن ئۈچ يىللىق سەپىرىدە يېزىپ قالدۇرغان تەپسىلىي خاتىرىسىنى رەتلەپ كىتاب قىلىپ پۈتتۈرگەن، بۇ <تېمۇر ئوردىسىغا ئەلچى بولۇپ بېرىش خاتىرىسى> (خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى <كلاۋىئونىڭ شەرققە ئەلچى بولۇپ بېرىش خاتىرىسى> دەپ ئېلىنغان) بولۇپ، 1582 - يىلى نەشىردىن چىققان. بۇ كىتابدا ⅤⅩ ئەسىردىكى تېمۇر ئىمپېرىيىسىنڭ ئومۇمى ئەھۋالى ۋە ئۆزىنىڭ سەپەر داۋامىدا كۆرگەن - بىلگەنلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە.