Uyghurئاساسىي لۇغەت
كلاۋدى
دۇنيا تارىخى
لاتىنچە تولۇق ئىسمى تېبېرې كلاۋدى نېروگېرمانىكۇس، مىلادىدىن 10 يىل ئىلگىرىدىن مىلادى 54 - يىلغىچە ياشىغان(. قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى )41 - 54(. كالىگۇلانىڭ ئورنىغا ئىمپېرتور بولغان. تەختتىكى مەزگىلدە، ئىمپېرىيەنىڭ بيۇرۇكراتلىق تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتكەن، بىر تۈركۈم رىتسارلار بىلەن ئازاد قىلىنغان قۇللارنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىگە قويغان، ئۆلكىلەرنىڭ ئاھالىلىرىگە كەڭ دائىرىلىك پۇقرالىق ھوقۇق بەرگەن. گاللىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشىشى ۋە سېناتقا قاتنىشىشقا يول قويغان. سىرتقا قارىتا كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، برىتانىيە، گېرمانىيە، سۈرىيە ۋە ئافرىقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئۇ خوتۇنى ئاگرىپېنا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ ئورنىغا نېرون ۋارىسلىق قىلغان.