Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كلاكتون مەدەنىيىتى
ئۇنىۋېرسال
克拉克顿文化
kè lā kè dùn wén huà
دۇنيا تارىخى
克拉克顿文化
kè lā kè dùn wén huà
ياۋرۇپا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مەدەنىيەتلىرىدىن بىرى. ئاساسەن ياۋرۇپانىڭ شىمالىي قىسمىغا تارقالغان. ئەڭ دەسلەپ ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويى، لوندوننىڭ شەرقىي شىمالىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى كلاكتون دېگەن جايدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسەن ئەنگليەنىڭ جەنۇبىي ۋە فرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا تارالغان تىپىك يادىكارلىقى ئىككى قول بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ تاشنى تاش سەندەلگە ئۇرۇپ ياساپ چىققان تاش قوراللار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردىن ياغاچتىن ياسالغان نەيزىنىڭ تېپىلىشى كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ۋاقتى ئاببېۋىل مەدەنىيىتى دەۋرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ، تەخمىنەن بۇنىڭدىن 400000 - 100000 يىللار ئىلگىرىكى مەدەنىيەت.