Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كيۇخارا فوسانوسۇكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى久原房之助
jiǔ yuán fáng zhī zhù
(1869 - 1965) ياپونىيە سودا - سانائەتچىسى. چىڭيىڭ مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ياش ۋاقتىدا مورىمۇرا، فوجىتا گۇرۇپپىلىرىغا قاتناشقان. 1905 - يىلى تاتېيۇكو كانچىلىق شىركىتىنى قۇرغان (كېيىن كيۇخارا كانچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن). 1910 - يىلى تاتېيۇكو كارخانىسىنى تەسىس قىلغان. 1918 - يىلى كيۇخارا سودا ئىشلىرى شىركىتىنى قۇرغان. 1927 - يىلى بارلىق كارخانىلارنى ئائىكاۋا گىسۇكېنىڭ (1880 - 1967) باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. تاناكاگېئىچى ئىچكى كابېنتىنىڭ پوچتا ئىشلىرى ۋەزىرى، سەپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ لېدىرى، ئىچكى كابېنتىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن قىسقارتىلغان. قىسقارتىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1955 - يىلى ياپونىيە - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خەلق پارلامېنت ۋەكىللىرى زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەت قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.