Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كېيىنكى كوگۇريو
دائىرە: دۇنيا تارىخى后高句丽
hòu gāo gōu lì
چاۋشيەندىكى كېيىنكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى. مىلادى 901 - يىلى گوڭيى كوگۇريودىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن، سونگدو (ھازىرقى كائېسوڭ) دا پادىشاھ بولغان. 904 - يىلى موجېن ناملىق دۆلەت قۇرغان. 911 - يىلى دۆلەت نامىنى تخېنونغا ئۆزگەرتكەن. 918 - يىلى ۋان گون گوڭيىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ پادىشاھ بولغان، دۆلەت نامىنى كورىيە دەپ ئۆزگەرتىپ، سونگدونى پايتەخت قىلىپ، نامىنى كەيجىڭغا ئۆزگەرتكەن. 935 - يىلى سىللانى قوشۇۋېلىپ، 936 - يىلى كېيىنكى پېكچېنى يوقىتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.