Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كىيىم كۈيىسى
دائىرە: بىئولوگىيە衣鱼
yīyú
كۈيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ پۆپۈك قۇيرۇقلار ئەترىتى، كۈيە ئائىلىسىگە كىرىدۇ ئىپتىدائىي كىچىك تىپلىق قاناتسىز ھاشارات، تېنى ئۇزۇنچاق، يۇمشاق، دۈمبە، قورساقلىرى سەل ياپىلاق، بەدەن سىرتىنى ئادەتتە ئۇششاق تەڭگىچىلەر قاپلىغان، كۈمۈچ رەڭ، ئاق، قوڭۇر، قارا قاتارلىق رەڭلەردە كۆرۈنىدۇ چاينىغۇچى ئېغىز ئاپپاراتى، ئانتېننىسى ئۇزۇن، يىپسىمان، ئاددىي كۆزى يوق، قورساق قىسمى 11 بوغۇم، ئاخىرقى ئۇچىدا ئىككى تال تەڭ ئۇزۇنلۇقتىكى قۇيرۇق بۇرۇتچىسى ۋە ئۇزۇنراق كەلگەن بىر تال ئوتتۇر قۇيرۇق يېپىنچىسى بولىدۇ (11 - بوغۇمىنىڭ ئالاھىدىلىشىشىدىن شەكىللەنگەن). كۆپ ئۇچرايدىغان كىيىم كۈيىسى ئۆي ئىچىدىكى كونا كىتابلار، كىيىم - كېچەكلەر ئارىسىدا ياشاپ كېچىسى ھەرىكەتلىنىپ، قەغەز، كىتاب - دەپتەر، كىيىم - كېچەكلەردىكى شىلىم ۋە يېلىملىق ماددىلارنى قىرچىپ يەيدۇ. ئۆيلەردىكى ئاساسلىق زىيانداش ھاشارات ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.