Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىيىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەننى يېيېش ئۈچۈن كىيىلىدىغان، رەخت ۋە تېرىدىن تىكىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.
ئادەم ئەسكىسى ئەمەس، كىيىم ئەسكىسى. كىيىم - كېچىكىڭ تازا بولسا، كۆڭلۈڭ شاد بولىدۇ. ئاچنىڭ كۆزى ئاشتا، ئۈستباشتا. بولمايدۇ چاپلاشقا تەنگە ئېڭلنى، ئۆگەنگىن مەردلەردىن ئەدەب - ئەقلىنى. ئالىيجانابلىق لىباستا ئەمەس، ئەخلاقتا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماگىزىنلاردا، كىيىم تىككۈچى فابرىكىلاردا كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئادەم شەكلىدە ياساپ قويۇلغان قېلىپ.
ھازىر بىرنىڭ ماگىزىنلاردىمۇ مانېكېنلار كۆپىيىپ قالدى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئول كىيىم كىيىم كۈن كەچۈردى _ ئۇ (ئىشلەپمۇ كەتمەي، ئىشنى تاشلاپمۇ كەتمەي) ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن كەچۈردى.
3 - 231
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بەدەننى ياكى ئايرىم ئەزالارنى يېپىش، ئوراش ئۈچۈن كىيىلىدىغان، رەخت ياكى تېرىدىن تىكىپ تەييارلىنىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى.