—مەنبە
خەلقئارا ئاياللار تەشكىلاتى
دائىرە: خەلقئارا تەشكىلاتلارخەلقئارا ئاياللار تەشكىلاتىدىن ئاساسلىقى: خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى، خەلقئارا ئاياللار ئىتتىپاقى، خەلقئارا ئاياللار كېڭەشمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەشكىلات بار.
خەلقئارا دېموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى1945 - يىلى12 - ئايدا پارىژدا قۇرۇلغان.1987 - يىلىغا كەلگەندە كوللېكتىپ ئەزاسى136 بولۇپ، ئۇلار118 دۆلەتكە تارقالغان. باش شتابى بېرلىندا. بۇ تەشكىلات جاكارلىغان پائالىيەت مەقسىتى: ھەرقايسى ئەللەردىكى ئاياللار ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ فاشىزمغا قارشى تۇرۇش، تىنچلىقنى، دېموكراتىيىنى، ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرۈش، بالىلارنى قوغداش، مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوللاش.
خەلقئارا ئاياللار ئىتتىپاقى1902 - يىلى تەشەببۇس قىلىنىپ،1904 - يىلى بېرلىندا رەسمىي قۇرۇلغان. باش شتابى لوندوندا. ئۇنىڭ مەقسىتى: ئەر - ئاياللار ئەركىنلىك، ھوقوق، ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە ھەقىقىي باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ ھەربىر ئادەمنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش؛ ھەرقايسى دۆلەت ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.
خەلقئارا ئاياللار كېڭىشى1888 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، كانادا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان. باش شتابى پارىژدا تەسىس قىلىنغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: «ئاياللارغا پەقەت ئۆزىنىڭ ھوقوقىنى ھېس قىلدۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئۆتەشكە تېگىشلىك پۇقرالىق مەسئۇلىيىتىنى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تونۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش.»
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ xx–xx لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى مەنبە دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.