—مەنبە
خۇلاسە
دائىرە: كومپيۇتېر بىلىملىرى1. CMOS دىن قاتتىق دىسكىنى تەكشۈرۈلمىسە، قاتتىق دىسكىنى ئاۋازى يۇقىرى بولسا ئېلېكتر ماتورى، ماگنىت بېشى، دىسكا يۈزى، كونتروللاش توك يولى بۇزۇلغان، بۇ خىل كاشىلىنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، چوقۇم كەسپىي رېمونتخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
2. نۆلىنچى ماگنىت يولى بۇزۇلغان بولسا DM ئارقىلىق نۆلىنچى ماگنىت يولىنى ئەسلىدىكى 1_ ماگنىت يولىغا يۆتكەڭ. باشقا نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، قاتتىق دىسلىنى قورال يۇمشاق دېتاللاردىن تەكشۈرۈڭ، ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ، فورماتلاڭ، تۆۋەن دەرىجىدە فورماتلاڭ.
قاتتىق دىسكىنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
(1) سىلكىنىشتىن ساقلىنىش: قاتتىق دىسكا نازۇك ساقلاش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، قاتتىق دىسكا ئىشلەتكەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىدە لەيلەپ تۇرىدۇ (دىسكا يۈزى بىلەن ماگنىت باش ئارىلىقى بىر نەچچە مىكرومېتر كېلىدۇ). قاتتىق دىسكا ئىشلىمىگەندە ماگنىت باش دىسكا يۈزىگە تېگىپ تۇرىدۇ، قاتتىق دىسكا ئوقۇش _ يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا سىلكىنىشكە ئۇچرىسا ماگنىت باش بىلەن دىسكا تېگىپ دىسكا بۇزىلىدىغان، ئۇچۇر يوقاپ كېتىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ، كومپىيۇتېر ئۆچۈرۋېتىلگەن شارائىتىمۇ قاتتىق دىسكا سىلكىنمەسلىكى كېرەك.
(2) چاڭ - توزاندىن ساقلىنىش: چاڭ - توزان كۆپ، نەملىك مەۋجۇت شارائىتتا قاتتىق دىسكا نورمال ئىشلىمەيدىغان، قىسقا تۇتۇش ھاسىل بولۇپ، توك يولى بۇزۇلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.
(3) قاتتىق دىسكا ئوقۇش - يېزىش مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا توكتىن ئۈزۈۋەتمەسلىك كېرەك. قاتتىق دېسكا ئوقۇش - يېزىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا دىسكا يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان بولغاچقا، توساتتىن توك ئۈزۈلسە ماگىنىت باش بىلەن دىسكا سۈركىلىش نەتىجىسىدە قاتتىق دىسكىدا بۇزۇلۇش كۆرۈلىدۇ.
(4) ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش: كومپيۇتېر ۋىرۇسى قاتتىق دىسىكىغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ، شۇڭا يېڭى نەشردىكى ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتاللىرى ئارقىلىق تازىلاپ تۇرۇڭ، كۆپ قېتىم فورماتلاشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى كۆپ قېتىم فورماتلىغاندا قاتتىق دىسكىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ.
(5) يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىن ساقلىنىش: مۇھىت شارائىتىدا نەملىك يۇقىرى بولسا ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ھەم ئارىلاپ - ئارىلاپ توكقا ئۇلاپ تۇرۇڭ، بۇنداق قىلغاندا كومپيۇتېردىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق، نەملىكنى پارلاندۇرۇپ كومپيۇتېرنى قوغدايدۇ.
(7) كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانىدىن ساقلىنىش: كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانى قاتتىق دىسكىنىڭ دۈشمىنى، شۇڭا كۈچلۈك ماگىنىت رادىئاتسىيىسىگە ئىگە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى قاتتىق دىسكىدىن يىراق بولۇشى كېرەك.
(8) بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق دىسكىغا نىسبەتەن تازىلاش، رەتلەش ئېلىپ بېرىڭ.
مىسال
ئېلاننىڭ خۇلاسىسىنى ئوقۇپ چىقتىم.
تەرجىمە: I read the summary of the advertisement.
Commonly used with verbs like "read" or "write".
مەنبە
دائىرە: كومپيۇتېر بىلىملىرىئىچكى ساقلىغۇچتا كۆرۈلگەن كاشىلىلارغا ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، بىرى كومپيۇتېر قوزغالمايدۇ ھەم ئېكراندا ئۇچۇر كۆرۈنمەيدۇ، ئاساسىي ماشىنا قېپى توختىماي «تىت» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدۇ. بۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بۇزۇلغان ياكى خاتا قاچىلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنە بىرى كومپيۇتېر قوزغىلىدۇ، بىراق نورمال ئىشلىمەيدۇ. «قائىدىسىز مەشغۇلات 非法操作»، «تىزىملاش جەدۋىلى خاتا 注册表错误» دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ، بۇ ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سۈپىتى ناچار ۋە چاستوتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ.
ئىچكى ساقلىغۇچتا مەسىلە كۆرۈلسە، ئاساسىي ماشىنا قېپىنى ئېچىپ، ئىچكى ساقلىغۇچنى ئېلىپ، ئۈستىدىكى ئۆزەك پلاستىنكىلىرىنىڭ كۆيگەن _ كۆيمىگەنلىكى، توك يول تاختىسىنىڭ بۇزۇلغان _ بۇزۇلمىغانلىقى، قىستۇرۇش ئوقۇرى بىلەن تۇتىشىدىغان قىسىملىرىدا داتلاشقان، ئوكسىدلانغان ئالامەتلەرنىڭ بار _ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە قىستۇرۇش ئوقۇرىدىكى چاڭ _ توزانلارنىڭ بار _ يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا BIOS دىن پارامېترلىرىنى توغرا تەڭشەش كېرەك. يەنى يۇقىرى سىرتقى چاستوتا شارائىتتا CL _ 3 بولۇشى كېرەك، CL _ 2 بولسا نورمال ئىشلىمەيدۇ.
بۇ بابتا ئىچكى ساقلىغۇچتا كۆپ كۆرۈلىدىغان كاشىلىلار ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى تۇنۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتە ئىچكى ساقلىغۇچ كاشىلىلىرى كۆپىنچە ماسلىشىشچانلىق ۋە مۇقىمسىزلىق جەھەتلەردىن كۆرۈلىدۇ، ماسلاشماسلىق كاشىلىسى تۆۋەندىكى ئەھۋالدا كۆرۈلىدۇ.
(1) ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن ئاساسىي تاختىنىڭ ماسلاشمىغانلىقى، چاستوتىسىنىڭ ماس كەلمەسلىكى، پارامېترلىرىنىڭ توغرا بولماسلىقى.
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ مۇقىملىقى جەھەتتە.
(1) ئىچكى ساقلىغۇچ، چاستوتىسى ۋە پارامېترلىرى توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن مۇقىمسىزلىق.
(2) تىپى ئوخشىمىغان بىر نەچچە ئىچكى ساقلىغۇچنى بىرلىكتە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇقىمسىزلىق.
يۇمشاق دېتال كاشىلا سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان مۇقىمسىزلىق.
ئىختىساسلىق
دائىرە: ئىشارە تىلى2072
2277