Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىگىز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆيگە سېلىنىدىغان بىسات.
«كىگىز» يۇڭدىن ياسىلىدۇ.
«پالاس» يۇڭ يىپتىن توقۇلىدۇ.
«بورا» قومۇش، يىكەنلەردىن ئۆرۈلىدۇ.
«جاۋا» لوپنۇر دىئالېكتىدا «پالاز».
يېڭىنى ئالمىغان كونا، كىگىزنى ئايىغاب بورا. ماڭغان دەريا، ياتقان بورىيا. قارا ئالچا ئاقارماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يەر، كارىۋات قاتارلىقلارغا سالىدىغان قوي يۇڭىدىن قېلىن قىلىپ بېسىپ ئىشلەنگەن ئائىلە بۇيۇمى.
كىگىز باستۇرماق. ئۆيگە كىگىز سالماق.