Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەز
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ۋاقىت، پەيت، پۇرسەت.
ئۇ كەزدە نەلەردە ئىدىڭ؟ * كېزى كەلگەندە تەمتىرەپ تۇرما. * كەزنى قولدىن بەرمە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كەزمەك، كېزىش. ئايلىنىپ، ئارىلاپ يۈرمەك.
شەھەرنى كېزىپ چىقتىم، ھېچيەدىن تۈزۈكرەك پىچاق تاپالمىدىم. * دۇنيانى كېزىپ چىقساڭمۇ، بۇنداق گۈزەلنى تاپالمايسەن.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يىپەك:
سەنئەتنىڭ سابباغىدىن كۆك زالى كىيگەن ھۇللەئى ماۋيى،
ھاشىيە بولغان شەفەقدىن زەيلىغە رەڭى گۇل كەز.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قالتىس: كەزنەڭ - قالتىس نەرسە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئۆلچەم.
<كەز>، <پۇرسەت> بىرەر مەقسەتتە پايدىلىنىشقا بولىدىغان بەلگىلىك ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ.
<پەيت>، <مومېنت> ۋاقىتقا باغلىق ئوبيېكتىپ شارائىتقا قارىتىلىدۇ.
<چولا> ئېغىز تىلىدا كۆپرەك ئىشلىتى
ۋاقىتتىن ئالتۇن كېلەر، ئالتۇنغا ۋاقىت كەلمەس. ۋاقىت - ئالتۇن. ۋاقتىڭ كەتتى - بەختىڭ كەتتى. ۋاقىتنىڭ ئوشۇقى يوق. تۆت پۇتلۇق ئاتنىڭمۇ مۈدۈرىدىغان چېغى بار. كىمكى كەچۈرمىسە ئۆزگى ئۆزى، كەچۈرمەس ئۆزگىمۇ كەلگەندە كېزى. كەتكەن پۇرسەت قايتىپ كەلمەس. تاڭ ئالدىدىكى پەيت ھەممىدىن قاراڭغۇ بولىدۇ. كەلگەن مومېنتنى قولدىن بەرمە. ئىشچان ھەسەل ھەرىسىنىڭ مۇڭلىنىشقا چولىسى تەگمەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كېيىن، ئارقا.
ئوق كەزى _ ئوقنىڭ كەينى.
1 - 427
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
گەز.
سۈت ۋە ئۇنغا ئوخشاش نەرسىلەردىن قازان تېگىگە يېپىشىپ قالىدىغان گەز. ئاشىچ كەزى _ قازان گېزى.
1 - 427
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كەس.
چىندا ئىشلەنگەن بىر خىل يېپەك رەخت.
1 - 427
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ۋاقىت، چاغ، مەزگىل، پەيت.
كېزى كەلگەندە.
ئۇلار خالىراق قالغان كەزلىرىدە رەيھان ھەققىدە بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ ئۇھ تارتىشاتتى.
مىق. قېتىم، نۆۋەت، رەت.
بۇ كەز بىز ئۇلارنى يېڭىپ، غالىب بولدۇق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كەزمەك
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تېخىمۇ
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بەختسىز