Uyghur←Chineseئىختىساسلىق
كەسىپ
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلى
ئادەم
كەسىپ
(1) بارماق ھەرپى <ك> نى كۆرسىتىدۇ. (2) بىر قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى يەنە بىر قولنىڭ تۆت بارمىقى تۈۋىگە توغرىسىغا قويىدۇ.
职业
zhí yè
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلى
مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، سەھىيە
مائارىپ
(1) بىر قولنىڭ بارماقلىرىنى ئېگىپ، يەنە بىر قولنىڭ تۈز چىقىرىلغان بىگىز بارمىقى تۈۋىدىن سىرتقا چىقىرىش بىلەن تەڭ بارماقلارنى يىغىدۇ. (2) ئوڭ قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى سول قولنىڭ تۆت بارمىقى تۈۋىگە توغرىسىغا قويىدۇ.
专业
zhuān yè
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلى
ئىقتىساد
سانائەت، قۇرۇلۇش (قۇرۇش، بىنا)
(1) بىر قولنلىڭ بىگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى تىك ئاچىدۇ. (2) <سانائەت> دېگەن سۆزنىڭ قول ئىشارىتىنىڭ (2) سىگە ئوخشاش.
行业
háng yè
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلى
ئىقتىساد
مالىيە، سودا
(1) بىر قولنىڭ تۆت بارمىقىنى يۇقىرىغا قارىتىپ تىك تۇتىدۇ، ۋە يەنە بىر قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى تۆت بارمىقى تۈۋىگە قويىدۇ. (2) بىر قول بىلەن يەنە بىر مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويىدۇ.
业务
yè wù
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلى
دائىم ئىشلىتىدىغان سۆزلەر
ئىش، ۋەقە
(1) بارماق ھەرپى <ك> نى كۆرسىتىدۇ. (2) بىر قولنىڭ بىگىز بارمىقىنى يەنە بىر قولنىڭ بىگىز، ئوتتۇرا، نامسىز بارماقلىرى ۋە چىمچىلىقىنىڭ دۈمبىسىگە توغرىسىغا قويىدۇ.
事业
shì yè