Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
科斯莫士
دۇنيا تارىخى
كوسموس
(تەخمىنەن 1039 - 1125) چېخ (بوھېمىيە)لىك تارىخچى. دەسلەپكى يىللىرى غەربىي ياۋرۇپادا ئوقۇغان، فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ساياھەت قىلغان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، پراگا چېركاۋىنىڭ باش روھانىيىلىقىغا تەيىنلەنگەن. <بوھېمىيە يىلنامىسى> ناملىق ئۈچ جىلدلىق ئەسىرى چېخنىڭ دسلەپكى <تارىخىي> ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەپسىلىي بايان، تەسىرلىك خاتىرىلىرى بىلەن <بوھېمىيىنىڭ ھېرودوتوسى> دېگەن نامغا مۇشەررەپ بولغان.